تىتان
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
تىتان ئاقۇچ مېتال،1791 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئالىم ۋىليام گرىگورىي بۇ مېتالنى ئەنگلىيىدىكى مىناھان شەھەر ئەتراپىدىن تۇنجى بولۇپ تاپقان. تۆت يىلدىن كېيىن گېرمانىيە خىمىكى كلاپروت ھۇنگرىيىدىكى بۇينىكتا بىر خىل قىزىل رۇدا ئىچىدىن بۇ ئېلېمېنتنى بايقاپ، ئۇنىڭغا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باتۇرنىڭ نامىنى قويدى. تىتاننىڭ مەنىسى «زېمىن ئوغلى» دېگەنلىك بولىدۇ.
تىتاننىڭ كۆرۈنۈشى پولاتقا تولىمۇ ئوخشايدۇ، لېكىن پولاتتىن قاتتىق، ئېغىرلىقى بولسا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى پولاتنىڭ يېرىمچىلىك كېلىدۇ. تىتان ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ھەرقانداق كۈچلۈك كىسلاتا ۋە ئىشقار ئىچىدە بەھۇزۇر «ئارام ئېلىپ ياتالايدۇ»، ئەڭ كۈچلۈك كىسلاتا − تىزاپ (پادىشاھ ھارىقى) مۇ ئۇنى چىرىتەلمەيدۇ. بىر كىم بىر پارچە تىتاننى دېڭىزغا تاشلىۋېتىپ بەش يىلدىن كېيىن ئېلىپ قارىسا، يەنىلا پارقىراپ تۇرغۇدەك، دات دېگەننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگۈدەك.
قەدىمكىلەر: «جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ» دەيدۇ، تىتاننىڭ ئېرىش تېمپېراتۇرىسى ئالتۇندىنمۇ600 نەچچە سىلىتسىيە گرادۇس يۇقىرى.
تىتاننىڭ مۇشۇنداق ئاجايىپ ئىقتىدارى بولغانلىقتىن، كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر تىتان ئايروپىلان، تانكا، ھەربىي پاراخوت، سۇ ئاستى كېمىسى ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان مېتال، ئالەم كېمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىمۇ تىتان پولاتنىڭ ئورنىنى ئالدى.
تىتان ئازوت، كاربونلار بىلەن بىرىكىپ، تىتان نىترىد، تىتان كاربىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇلارمۇ ئىنتايىن قاتتىق بىرىكمىلەر، ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىققا چىداملىقلىقى تىتاندىمۇ بىر ھەسسە يۇقىرى. مۇنداق قاتتىق ۋە ئىسسىقلىققا چىداملىق ماتېرىيالدىن دەرىجىدىن تاشقىرى پولاتنىڭ ئورنىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك قىرىش سايمانلىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ. سېرىق رەڭلىك تىتان نىترىدمۇ بېزەك ماتېرىيالى ئورنىدا سائەت قېپىغا ھەل بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. تىتاننىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى خىمىيە سانائىتى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىلىرىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، تىتاننىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇنى تاۋلاپ ئېلىش بىرقەدەر قىيىن، چۈنكى، ئۇ يۇقىرى ھارارەتتە ئوكسىگېن، كاربون، ئازوت ۋە باشقا نۇرغۇن ئېلېمېنتلار بىلەن بىرىكىۋالىدۇ، شۇڭا كىشىلەر تىتاننى «سىيرەك مېتاللار» قاتارىغا قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىتاننىڭ مىقدارى يەر پوستى ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن مىڭدىن ئالتە قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، مىس، قەلەي، مانگان، سىنكلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ10 ھەسسە كۆپ، ئېلىمىزنىڭ تىتان زاپىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ، سىچۇەننىڭ پەنجىخۇادىكى تىتان زاپىسى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي زاپىسىنىڭ% 90 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان چوڭ تىتان كانىدۇر.