ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى لېئونوۋ − ئالەم بوشلۇقىدا تۇنجى ماڭغان ئادەم.1965 - يىل3 - ئاينىڭ18 - كۈنى ئۇ «ئۆرلەش2 » ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئۇچقاندا، كېمە بۆلمىسىدىن چىقىپ، ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان. ئۇ بىر تال تانا بىلەن ئالەم كېمىسىگە باغلىنىپ، ئالەم بوشلۇقىدا10 مىنۇت لەيلەپ يۈرگەن.1984
- يىل2 - ئاينىڭ7 - كۈنى، ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى «رىقابەتچى» ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچقان، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم ئايروپىلانىدىن چىقىپ، ئالەم بوشلۇقىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق بىمالال ماڭغان. ئۇلار ئالەم ئايروپىلانىدىن ئايرىلغان ئەڭ يىراق ئارىلىق90 مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى28 مىڭ500 كىلومېتىرلىق يەر شارى ئادەم سۈنئىي ھەمراھىغا ئايلانغان، بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى بىخەتەرلىك تاسمىسى باغلىماي ئالەم بوشلۇقىدا تۇنجى قېتىم مۇستەقىل مېڭىش ھېسابلىنىدۇ.
«رىقابەتچى»نىڭ قېرىندىشى بولغان «جاسارەت» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى1993 - يىل12 - ئاينىڭ2 - كۈنى بوشلۇققا چىققاندىن كېيىن، تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم ئايروپىلانىدىن چىقىپ، «خۇبېل» ناملىق مەشھۇر ئالەم تېلېسكوپىنى رېمونت قىلغان. ئۇلار ئايروپىلان بۆلمىسىدىن5 قېتىم چىقىپ، كەڭ ئېچىۋېتىلگەن تريۇم ئىچىدە35 سائەت28 مىنۇت خىزمەت قىلىپ، ئالەم تېلېسكوپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئالەم بوشلۇقى تارىخىدىكى يەنە بىر مۆجىزىنى ياراتقان.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا بىمالال مېڭىپ يۈرەلەيدۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۆشنىسىگە «ئادەم يۈدۈۋالىدىغان زاپاس قۇرۇلما» ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى سومكىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئازوت گازى قاچىسى، ئىتتىرىش قۇرۇلمىسى، ئېلېكترونلۇق كونترول قۇرۇلمىسى، باتارېيە، تېمپېراتۇرا كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. «يۈدۈۋالىدىغان زاپاس قۇرۇلما» يۇقىرى بېسىملىق ئازوت گازىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، سومكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە24 پۈركۈش تۆشۈكى بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىسى قول بىلەن كونترول قىلىش ئەسۋابى ئارقىلىق يۇقىرى بېسىملىق ئازوت گازىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېغىزلاردىن ئېتىلىپ چىقىشىنى كونترول قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن، يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سول، ئالدى - كەينى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەيدۇ ياكى چېكىنىدۇ، سائەت ئىسىترېلكىسى بويىچە ياكى ئۇنىڭغا تەتۈر يۆنىلىشتە ئايلىنالايدۇ، ئالەم بوشلۇقىدىكى مۇھىت ئىنتايىن ناچار بولغاچقا، ئىتتىرگۈچتە كاشىلا كۆرۈلسىلا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا «يۈدۈۋالىدىغان زاپاس قۇرۇلما»غا ئىككى ئازوت قاچىسى ۋە ئىككى يۈرۈش ئوكسىگېن تەمىنلەش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى »يۈدۈۋالىدىغان زاپاس قۇرۇلما«نى ئارتىۋالسىلا، ئالەم بوشلۇقىدا سۈنئىي ھەمراھنى رېمونت قىلىش، قايتۇرۇۋېلىش، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. كەلگۈسىدە بۇ ئالەم كېمىسىدىن ئىختىيارىچە چىقىپ، يەنە بىر ئالەم كېمىسىگە بېرىپ مېھمان بولغىلى بولىدۇ.