UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىقۇياش باتارېيىسى

قۇياش باتارېيىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سۈنئىي ھەمراھنىڭ غايەت زور ئىككى «قانىتى» بار، ھېسابلىغۇچنىڭ ئۈستىدىكى تىك تۆتبۇلۇڭلۇق كۆزنەكلەرگە قېنىق رەڭلىك «كىچىك ئەينەك» لەر ئورنىتىلغان. بۇ «قانات» ۋە «كىچىك ئەينەك» لەر قۇياش باتارېيىسىدۇر. قۇياش باتارېيىسى ناھايىتى نېپىز يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياپراقچە بولۇپ، ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەردە بولىدۇ، چوڭلۇقى بىرنەچچە كۋادرات سانتىمېتىردىن ئون نەچچە كۋادرات سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. ھەربىر پارچە باتارېيە تەخمىنەن5 .0 ۋولت توك بېسىمى ۋە ھەر كۋادرات سانتىمېتىرى30 -35 مىللىئامپېر توك چىقىرىدۇ. ئەمەلىي ئىشلىتىلگەندە، نۇرغۇن ئۇششاق ياپراقچىلار چېتىلىپ، يۇقىرىراق توك بېسىمى ۋە چوڭراق توك كۈچى ئېلىنىدۇ، ئۇ «قۇياش باتارېيە تاختىسى» دېيىلىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قۇياش باتارېيىسى سىلىتسىيلىق قۇياش باتارېيىسىدىن ئىبارەت. قەغەزدەك نېپىز بىر پارچە سىلىتسىي ياپراقچىسىنىڭ بىر تەرىپىگە ئازراق بور، يەنە بىر تەرىپىگە فوسفور قوشۇپ، ئىككى تەرىپىگە مېتال ئېلېكتر قۇتۇپى چىقىرىلسا، سىلىتسىيلىق قۇياش باتارېيىسى پۈتىدۇ، مۇنداق سىلىتسىي ياپراقچە نېمە ئۈچۈن يورۇقلۇقتىن توك ھاسىل قىلالايدۇ؟ ئەسلىدە، بور ئاتومىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە سىلىتسىيغا قارىغاندا بىر ئېلېكترون ئاز بولىدۇ، بور قوشۇلغان سىلىتسىيدا نۇرغۇن مۇسبەت ئېلېكترلىك كاۋاك بولىدۇ، توك ئۆتكۈزۈشى تۆشۈك توك ئۆتكۈزۈش تىپلىق بولۇپ، «P تىپلىق سىلىتسىي» دەپ ئاتىلىدۇ. فوسفور ئاتومىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە سىلىتسىيغا قارىغاندا بىر ئېلېكترون كۆپ بولىدۇ، فوسفور قوشۇلغان سىلىتسىيدا نۇرغۇن مەنپىي ئېلېكترلىك ئېلېكترونلار بولىدۇ، ئۇ ئېلېكترون توك ئۆتكۈزۈش تىپلىق بولۇپ، «N تىپلىق سىلىتسىي» دەپ ئاتىلىدۇ. P تىپلىق قەۋەت بىلەن N تىپلىق قەۋەت چېتىلسا، «NP تۈگۈنى» ھاسىل بولىدۇ. بىر تامچە قىزىل رەڭ بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا تامسا، قىزىل رەڭ بارا - بارا يېيىلىدۇ، مۇنداق ھادىسە «دىففوزىيە» دېيىلىدۇ. N تىپلىق سىلىتسىيدا نۇرغۇن ئارتۇق ئېلېكترونلار بار، ئۇلار قىزىل رەڭ دىففوزىيىلەنگەندەك، P رايونغا دىففوزىيىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن N رايوندا تۇراقلىق مۇسبەت زەرەتلەر كۆپىيىدۇ؛ P تىپلىق سىلىتسىيدا بولسا ئارتۇقچە كاۋاكلار بار، ئۇلارمۇ N رايونغا دىففوزىيىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن P رايوندا تۇراقلىق مەنپىي زەرەتلەر كۆپىيىدۇ. بۇ زەرەتلەرP ، N ئىككى رايوننىڭ پاسىلىدا يىغىلىپ ئېلېكتر مەيدانى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇياش نۇرى NP تۈگۈنى تەرەپكە چۈشكەندە فوتون ئۆز ئېنېرگىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا NP تۈگۈنىدىكى ئېلېكترونلارغا بېرىدۇ، بۇ ئېنېرگىيە خۇددى ئېلېكترونلارنى تارتىۋاتقان قولغا ئوخشاش، ئۇلارنى يادرونىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىۋېتىپ، ئورنىدا كاۋاك پەيدا قىلىدۇ. NP رايونى پاسىلىنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئېلېكتر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە، ئۈزلۈكسىز ھاسىل بولۇۋاتقان ئېلېكترونلار N رايونىغا قېچىپ بارىدۇ، كاۋاكلار P رايونىغا ھەيدىلىدۇ. ناسوس سۇنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا تارتقانغا ئوخشاش، مۇنداق ئېلېكترونلار ھەرىكىتى توك ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھازىرقى سىلىتسىيلىق قۇياش باتارېيىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى% 8 − 15%. ئۇ رېمونت قىلىش، ئاسراش ۋە يېقىلغۇ قاچىلاشنى كېرەك قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى