UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىتۇرۇبا يولدا ئۇچۇش

تۇرۇبا يولدا ئۇچۇش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بىر خىل ئاجايىپ قاتناش ترانسپورت سىستېمىسى − تۇرۇبا يولدا ئۇچۇش سىستېمىسى21 - ئەسىردە بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئالاھىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچار ئاپتوموبىل بىلەن ھاۋاسىز تۇننېلدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇچار ئاپتوموبىلنىڭ تۇننېل ئىچىدىكى سائەتلىك سۈرئىتى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا،20 نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ ھازىرقى يولۇچى ئايروپىلانلار سۈرئىتىنىڭ20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر بۇ خىل ئۇچار ئاپتوموبىلنى «سىنارەد» پويىز دەپ ئاتىدى. بۇ خىل پويىزنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى ئۇچۇش سۈرئىتىگە ئىگە بولۇشىدا مۇنداق بىرنەچچە سەۋەب بار: بىرىنچى، ئۇچار ئاپتوموبىلنىڭ شەكلى ئېقىم سىزىقلىق بولۇپ، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتىدۇ. ئىككىنچى، ئۇ بېنزىننى يېقىلغۇ قىلمايدۇ، بەلكى ئېلېكتروماگنىتلىق كۈچكە تايىنىدۇ. پويىز پەۋقۇلئاددە بىر خىل رېلىستا ماڭىدۇ، بۇ خىل رېلىسقا توك ئۆتسە، لەيلىتىش كۈچى ھاسىل بولۇپ، پۈتۈن پويىزنى لەيلىتىدۇ. بۇ خىل پويىزنى كىشىلەر ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز دەپ ئاتايدۇ، ئۇ ئادەتتىكى پويىزلارغا ئوخشاش رېلىستا ماڭمايدۇ، بەلكى رېلىس ئۈستىدە لەيلەيدۇ، بۇ سۇ تېيىلىش تاختىسىنىڭ دولقۇن ئۈستىدە يۈرگىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى، پويىز تۇننېلدا يۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى ھاۋا تارتىۋېتىلىدۇ، شۇڭا پويىزنىڭ ھاۋانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىلاردا تەتقىق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى، مەخسۇس تاش تېشىدىغان تۇننېل تېشىش ماشىنىسىمۇ تەتقىق قىلىنىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ تېخنىكىلار ئۇچار ئاپتوموبىلنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ياخشى ئاساس سالىدۇ، ئۇزاققا بارمايلا بۇ خىل ئۇچار ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش قورالىغا ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى