يېمەكلىكنى يېڭى ساقلاش تېخنىكىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
تۆۋەن تېمپېراتۇرا يېمەكلىك ھۈجەيرىلىرىنىڭ نەپەسلىنىشىنى ئاجىزلىتىدۇ ياكى توختىتىدۇ، يەنىمۇ پىشىشى ياكى قېرىشىنى توسۇيدۇ. توڭلاتقۇ مۇشۇ قائىدىدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل سوغۇقتا يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
بىراق، يوپۇرماق تۈرىدىكى بەزى كۆكتاتلارنىڭ ℃0 ئۆپچۆرىسىدىلا تەمى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، پەمىدۇر، تەرخەمەكنىڭ رەڭگى℃7 تا ئۆڭۈپ، پولۇشۇش، داغ چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر قايتىدىن يۇقىرىراق تېمپېراتۇرىغا قويغاندا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ئالىملار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھاۋاسى تەڭشىلىدىغان سۇلياۋ بىلەن ئوراش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلدى.
ھاۋاسى تەڭشىلىدىغان سۇلياۋ بىلەن ئوراش دېگىنىمىزدە، يېمەكلىك بەلگىلىك ھاۋا قاچىلانغان نېپىز سۇلياۋ خالتىغا سېلىنىدۇ ۋە سۇلياۋ ئورالما ئىچىدىكى ھاۋانىڭ قويۇقلۇقى تەڭشىلىپ، يېمەكلىك توقۇلمىلىرىنىڭ چەكلىك نەپەسلىنىشىنى قامدىيالىغۇدەكلا ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خالتىدىكى يېمەكلىك پىشىپمۇ كەتمەيدۇ، قېرىپمۇ كەتمەيدۇ، شۇنداقلا سۈمۈرىدىغان ئوكسىگېن بولماسلىق تۈپەيلىدىن ئېچىپمۇ قالمايدۇ، مەسىلەن، كۆكمۇچنى%3 ئوكسىگېن ۋە % 3كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بار نېپىز سۇلياۋ خالتىدا ئۈچ ھەپتە يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ؛ چالا پىشقان پەمىدۇرنى ئىككى ھەپتە ساقلىغاندىن كېيىن، خالتا ئېچىۋېتىلسە داۋاملىق پىشىدۇ. ھاۋاسى تەڭشىلىدىغان سۇلياۋ ئورالما بېلىق، گۆش قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغىمۇ باب كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭى پېتىچە ئوبدان ساقلىغىلى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان رەڭگىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا ئۇششاق ئورالمىلىق تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر بارلىققا كەلدى، بۇلار تېز سۈرئەتتە توڭلىتىش يېڭى تېخنىكىسى بىلەن ئىشلەنگەن، بۇ، ھاۋاسى تەڭشىلىدىغان سۇلياۋ ئورالما تېخنىكىسىدىن كېيىن كەشىپ قىلىنغان يەنە بىر يېڭى تېخنىكا. يېمەكلىك سۇيۇق ھالەتتە توڭلىتىلىش جەريانىدا، ئاۋۋال پوستى توڭلايدۇ، ئاندىن پۈتۈنلەي توڭلايدۇ. ئەگەر يېمەكلىكنى ئۇزاق ساقلاشقا توغرا كەلسە، تۇرۇبىدىن سۇ پۈركۈپ يېمەكلىك يۈزىدە نېپىز پەردە ھاسىل قىلىپ، ئوكسىگېننىڭ خورىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوراپ ساقلىسىلا بولىدۇ.
باكتېرىيە يوقىتىش يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاشتىكى مۇھىم ئىش تەرتىپى. ئەنئەنىۋى يېمەكلىك كونسېرۋالىرى، ئادەتتە، ئاۋۋال قاچىلىنىپ، ئاندىن باكتېرىيە يوقىتىلىدۇ، بۇ خىل تېخنىكىنىڭ ئورنىنى باكتېرىيىسىز ئوراش - قاچىلاش ئالىدۇ. باكتېرىيىسىز ئوراش - قاچىلاشتا دېزىنفېكسىيىلەنگەن يېمەكلىك ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا باكتېرىيىسىز شارائىتتا باكتېرىيىسىز ئوراش قاچىسىغا سېلىنىدۇ، بۇنىڭدا يېمەكلىكنىڭ ئەسلىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى، توقۇلما قۇرۇلمىسى، رەڭگى، ھىدى، تەمى قاتارلىقلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. باكتېرىيىسىز قاچىلانغان پەمىدۇر قىيامىدىكى ۋىتامىن C نىڭ ساقلىنىش نىسبىتى %91 − %98 بولىدۇ، ئادەتتىكى كونسېرۋادىكى ۋىتامىن C نىڭ ساقلىنىش نىسبىتى %59 − %67 لا بولىدۇ.
قىزدۇرۇپ باكتېرىيە يوقىتىشتىن باشقا، مىكرو دولقۇن ئارقىلىق باكتېرىيە يوقىتىش تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نېپىز سۇلياۋ ئورالمىلىق، قەغەز ئورالمىلىق يېمەكلىك توقۇلمىلىرىنىڭ ئىچىنى تەكشى، تېز قىزىتىپ، يېمەكلىكتىكى مىكرو ئورگانىزملار ئاقسىلى ۋە ئۇنىڭ باشقا تەركىبلىرىنى بۇزۇپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.