قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇ
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇ قۇياش ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق ئىسسىيدىغان تۇرالغۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ − قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسىنى قىسمەن تۇرمۇش ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى بەلگىلىك تېمپېراتۇرىغا يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇش.
قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇنىڭ ئاكتىپ شەكىللىك ۋە پاسسىپ شەكىللىك ئىككى خىل ئاساسىي شەكلى بار. ئاكتىپ شەكىللىك قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى، ئىسسىقلىق توپلاش ئۈسكۈنىسى ۋە تۇرۇبا، شامالدۇرغۇچ، سۇ پومپىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بولۇپ، قۇياش نۇرىنى «ئاكتىپ» يىغىدۇ، ساقلايدۇ ۋە تەقسىملەيدۇ. پاسسىپ شەكىلدىكى قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇ، ئاساسەن، ئۆينىڭ ئورنى، قۇرۇلۇش بوشلۇقىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي - ئىمارەت ئىمكانقەدەر ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ ۋە ساقلايدۇ.
ئاكتىپ شەكىللىك قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇلارنىڭ ئۆگزىسىگە قۇياش ئېنېرگىيىسى قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق يىغىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئايرىم - ئايرىم ئەينەك قۇتىلاردىن تۈزۈلىدۇ، قۇياش نۇرى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قوش قەۋەتلىك دېرىزە ئەينىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نېپىز قەلەيدىن ياسالغان ئىسسىقلىق توپلاش تاختىيىغا چۈشىدۇ. قۇياش نۇرىدا قىزىغان ئىسسىقلىق توپلاش تاختىيى يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى ھاۋانى ئىنفرا قىزىل نۇر شەكلى بىلەن قىزىتىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇر ئەينەكنى تېشىپ ئۆتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇياش نۇرىنىڭ «كىرىشى»گىلا بولىدىغان، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ «چىقىشى»غا بولمايدىغان ئىسسىقلىق توپلاش ئۈسكۈنىسىگە ئايلىنىدۇ. ھاۋا ئىسسىقلىق توپلاش تاختىيىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، يىغىلغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ئېلىپ مېڭىپ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ساقلايدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى يەنە تۇرۇبا ئارقىلىق ئۆي ئارىلىق تېمىدىكى ھاۋا يولى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بەلگىلەنگەن قىممەتتىن تۆۋەن بولغاندا، سىماب ئۇلىغۇچلۇق تېرمومېتىر ھاۋا ئالماشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئايلىنىشىنى ئاپتوماتىك تىزگىنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسسىقلىق ساقلاش ماشىنىسىدىكى ئىسسىقلىق ئۆي ئىچىگە يوللىنىدۇ.
پاسسىپ شەكىلدىكى قۇياش ئېنېرگىيىلىك تۇرالغۇلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ. ئەڭ ئاددىيلىرىدا جەنۇبقا قارىغان ئەينەكلىك دېرىزىلەر چوڭايتىلىپ، ئۆي ئىچى تېمى، يەر ۋە باشقا ئىسسىقلىق يىغىش جىسىملىرىغا قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشۈپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئىسسىقلىق ساقلىنىدۇ. كېچە ياكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ يامغۇر ياغقان چاغلاردا، ئىسسىقلىق ساقلاش پەردىسى يېپىۋېتىلىدۇ، ئىسسىقلىق ساقلىغان بۇ جىسىملار ئۆزلىرى ساقلىغان ئىسسىقلىقنى ئاستا - ئاستا قويۇپ بېرىپ، ئۆي ئىچىدىكى بەلگىلىك تېمپېراتۇرىنى ساقلايدۇ. بەزىلىرىدە جەنۇبقا قارىغان ئەينەكلىك دېرىزە ۋە تاملاردىن پايدىلىنىپ، ئىسسىقلىق توپلاش ئۈسكۈنىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۈن نۇرىخانىسى ياكى ئىسسىقلىق توپلاش، ئىسسىقلىق ساقلاش تېمى ياسىلىپ، ھاۋا ئالمىشىش ۋە ھاۋانىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىلىدۇ. بەزىلىرىدە قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئۆينىڭ پۈتۈن ئۆگزىسىگە سۇ قۇيۇلىدىغان تېيىز كۆلچەك ياسىلىدۇ ياكى ئۈستىگە لىق سۇ قاچىلانغان سۇلياۋ خالتا قويۇلىدۇ. كۈندۈزى قۇياش نۇرى سۇنى قىزىتىدۇ، قىزىغان تورۇس رادىئاتسىيە شەكلى بىلەن ئىسسىقلىقنى ئۆي ئىچىگە يەتكۈزىدۇ؛ كېچىسى ئۆگزىدىكى «سۇ كۆلچىكى»گە تېمپېراتۇرا ساقلاش تاختىيى يېپىلىپ، ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقا تارقىلىشى ئازايتىلىدۇ، تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان سۇ تورۇس ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە ئىسسىقلىق تارقىتىپ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ. ياز كۈنلىرى سۇ كۆلچىكى كۈندۈزى يېپىلىپ، كېچىسى ئېچىۋېتىلسىلا، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالىملار يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىچىك تىپتىكى ئىسسىقلىق توپلاش، ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنىلا ئەمەس، يەنە ئىلغار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە ۋە ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان، كەلگۈسىدىكى ئاپتوماتىك قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئۆيلەرنى ياساشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.