پرېسلانغان يېمەكلىك
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
يېمەكلىك ساقلاش تېخنىكىسى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتىدۇ، بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار مەسىلەن، شامالدا قۇرۇتۇش ئۇسۇلى، توڭلىتىش ئۇسۇلى، كونسېرۋا ئىشلەپ ھىم قاچىلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار يېمەكلىكنىڭ يېڭى تەمىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ھازىر، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يېمەكلىك ساقلاش تېخنىكىسى − ئادەتتىن تاشقىرى پرېسلاش ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى، بۇ ئۇسۇلدا تەييارلانغان يېمەكلىكلەر ئادەتتىن تاشقىرى پرېسلانغان يېمەكلىك دېيىلىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى پرېسلاش ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەشتە، يېمەكلىك نەچچە1000 ئاتموسفېرا بېسىمى ئاستىغا قويۇلۇپ، يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا تەڭشىلىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈلىدۇ. يېمەكلىك ماتېرىيالىدىكى كراخمال ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتا ئۇماچ ھالەتكە كېلىدۇ، ئاقسىللار ئېۋىق (مىلىشقاق) ھالىتىگە كېلىپ، ھەسەلگە ئوخشاپ قالىدۇ. گەرچە كراخمال بىلەن ئاقسىل ئەسلىدىكى قىياپىتىنى يوقىتىپ، پارقىراقلىشىپ يۇمشاپ كەتسىمۇ، لېكىن رەڭگى، تەمى ئەسلىدىكى پېتىنى يوقاتمايدۇ. يېڭى ترېسكا بېلىقى4000 ئاتموسفېرا بېسىمىدا قىسىلغاندا، يېڭى بېلىق تورتىغا ئايلىنىدۇ. مېۋە بىلەن شېكەرنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ يۇقىرى بېسىم بەرگەندە، مېۋە شىرنىسى ئىشلىگىلى بولىدۇ. يېمەكلىكنى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىمدا پىششىقلاش يېمەكلىكتە ئاجايىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن، كونا گۈرۈچكە1000 ئاتموسفېرا بېسىمى بەرگەندە، ئۇ يېڭى گۈرۈچنىڭ تەمىگە كىرىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى پرېسلانغان يېمەكلىكلەر باكتېرىيىسىز، ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، يېمەكلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يېمەكلىكى بولالايدۇ.