ئاليۇمىن
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۈگۈنكى كۈندە ئاليۇمىن قازان، ئاليۇمىن چەينەك، پاسىلداق قۇتا قاتارلىق ئاليۇمىن بۇيۇملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، يۈز نەچچە يىل بۇرۇن ئاليۇمىن ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتال ئىدى.
ئاليۇمىننىڭ ئېسىللىكتىن پۇقرالار ئارىسىغا كېلىپ قېلىشى پۈتۈنلەي توكنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى دېيىشكە بولىدۇ. زامانىۋى ئاليۇمىن زاۋۇتلىرىدا دۇمنىمەش ۋە ئېگىز تۇرخۇنلار يوق، گىرەلەشكەن يەر ئاستى كابېللىرى ۋە غايەت زور ترانسفورماتورلار بار. كىشىلەر ئاليۇمىن كانىدىن ئاق رەڭلىك ساپ ئاليۇمىن ئوكسىدنى ئېلىپ، ئېلېكترولىز ئىدىشىگە سېلىپ ئېلېكتروزلايدۇ. لېكىن، ئاليۇمىن ئوكسىد℃2050 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاندىن ئېرىيدۇ. ئالىملار ئامال تېپىپ، ئاليۇمىن ئوكسىدقا مەلۇم مىقداردا كريولىت ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى℃ 1000 تا ئېرىيدىغان قىلىپ، ئاپئاق ئاليۇمىن مېتالىغا ئايلاندۇردى.1981 - يىلى چەت ئەلدە دومنىمەشتە ئاليۇمىن تاۋلاش تەجرىبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. تەركىبىدە ئاليۇمىن بار سېغىز توپا، ئاليۇمىنا (تەركىبىدە ئاليۇمىن بار توپا) ۋە سىلانېتس قاتارلىقلار كوكس ئۇۋاقلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ تۈگۈرچەكلەشتۈرۈلىدۇ، ئاندىن قىزىتىپ كوكسلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن دۇمنىمەشكە سېلىنسا، ساپ ئاليۇمىننى تۆمۈر تاۋلىغاندەك تاۋلاپ ئالغىلى بولىدۇ.
سانائەتتە كۆپىنچە ئاليۇمىن قېتىشمىلىرى ئىشلىتىلىدۇ، ساپ ئاليۇمىن بەكمۇ ئاز ئىشلىتىلىدۇ.
ئاليۇمىننىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ يەڭگىللىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش ھەجىمدىكى مىسنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك كېلىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال ئاۋىئاتسىيىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى ئايروپىلانلارنىڭ% 70 ى ئاليۇمىن ۋە ئاليۇمىن قېتىشمىلىرىدىن ياسىلىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەر ئاليۇمىننى «ئۇچالايدىغان» مېتال دەپ ئاتىشىدۇ.
ئاليۇمىننىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى مىسنىڭ%60ىچىلىك كېلىدۇ. ئەمما، ئاليۇمىن ئۇنىڭدىن يېنىك. ئەگەر تەڭ ئېغىرلىقتىكى ئاليۇمىن ۋە مىستىن ئوخشاش ئۇزۇقلۇقتا توك سىمى ياسالسا، ئاليۇمىننىڭ توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى مىستىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. ئېلىمىز سىيرەك مېتاللار ئارىلاشتۇرۇلغان ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسىغان توك سىمنىڭ كۈچلۈكلۈكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،12 بال بوراندىمۇ ئۈزۈلمەيدۇ.
ئاليۇمىن نۇرغۇن جەھەتلەردە پولات، تۆمۈر، سېمونت، سۇلياۋ، ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئاۋىئاماتكىدا پولات ئورنىغا ئاليۇمىن ئىشلىتىلسە، ئۇنى1000 توننا يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللاردا ئاليۇمىن ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەنلىكتىن، يولۇچىلارنى كۆپ سېلىش مۇمكىن بولۇپلا قالماي، مايمۇ تېجىدى، سۈرئىتىمۇ تېزلەشتى. يەنە پويىز، مېترو (يەر ئاستى تۆمۈريولى)، پاراخوت، ۋېلىسىپىت، ھەتتا ئىشىك، دېرىزە قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغىچە بارا - بارا «ئاليۇمىنلاشماقتا»، ئاليۇمىن داۋاملىق ئۇچماقتا.