رەڭ ئۆزگەرتىدىغان كىيىم ۋە خۇرۇم ئاياغ
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كەلگۈسىدىكى كىيىم - كېچەكلەرنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇچىڭىزدىكى كىيىم گاھىدا ئوچۇقلىشىپ، گاھىدا سۇسلىشىدۇ، بىر جۈپ خۇرۇم ئاياغ گاھىدا يورۇپ، گاھىدا خىرەلىشىۋاتقان چىراغ يورۇقى ئاستىدا تەكرار - تەكرار ئۆزگىرىپ ۋالىلداپ پارقىرايدۇ.
قەدىمىي مىسىردا پادىشاھ ئالېكساندر Ⅱ گۈل - چېچەكلەردىكى رەڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ، قول ئاستىدىكىلەرگە رەڭدار گۈللەرنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭ سۈيى بىلەن رەخت بوياشنى بۇيرۇغان، رەخت قۇرۇغاندىن كېيىن ھەر خىل رەڭلەر بارلىققا كەلگەن، ئالىملار بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ،20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدا رەڭ ئۆزگەرتىدىغان تالانى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن يورۇقلۇقتا رەڭ ئۆزگەرتىدىغان نىترىلوندىن تىكىلگەن كىيىمنىڭ رەڭگى يورۇقلۇقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ؛ تەبىئىي نۇردا سۇس قوڭۇر رەڭگە، چوغلىنىشچان لامپا يورۇقىدا قىزىل رەڭگە، نىئون لامپا يورۇقىدا سارغۇچ قىزىل رەڭگە، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا قېنىق قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. ياپونىيىدە تەتقىق قىلىپ چىقىلغان فوتوخرومىك بوياق سىنتېتىك تالالارغا ئەتراپتىكى شەيئىلەرنىڭ رەڭگىنى «يۇقتۇرىدۇ». بۇ خىل رەڭ ئۆزگەرتىدىغان تالالىق كىيىمنى كىيىپ، چىملىقلاردا ئوينىغاندا كىيىم يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ؛ قىزىل گىلەمدە ئۇسسۇل ئوينىغاندا ئوتقاشتەك قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنى كىيىپ مۇز ئۈستىدە ھەرىكەت قىلغاندا كۈمۈشتىن لىباس ئورىۋالغاندەك كۆرۈنۈپ، ئادەمنىڭ كىيىمىنى تەبىئەت مەنزىرىسى ئىچىگە «سىڭدۈرۈۋېتىدۇ».
ياپونىيىلىك ئالىملار يەنە كېپىنەكتىن ئىلھام ئېلىپ، رەڭ ئۆزگەرتىدىغان كىيىمنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار ئىسسىقتىن تارىيىش خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل پولىمېر ئارىلاشمىسىدىن يىپ تەييارلاپ، يوشۇرۇن «بۇرمىلىنىش» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تەكشى كەسمە يۈزلۈك تالا ھاسىل قىلغان. بۇ خىل يىپتىن كىيىم تەييارلىغاندا، تالانىڭ تەكشى يۈزى توقۇلمىنىڭ يۈزىگە تىك بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا كۆزگە قايتىدىغان رادىئاتسىيە ئازىيىدۇ، نۇرنى ئاساسەن تالا ياكى تالا ئارىلىقى سۈمۈرۈۋالىدۇ ياكى قايتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رەڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمى ھاسىل بولىدۇ.
ئەنگلىيىلىك ئالىملار سۇيۇق كرىستال ماتېرىيالنى ئىۋىق (مىلىشقاق) تىن تۈزۈلگەن مىكرو خالتىچىلەرگە ھىملىغان، ئاندىن سانسىزلىغان خالتىچىلەرنى ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، بېسىپ بويىغىلى بولىدىغان مەتبەئە مېيىغا ئايلاندۇرغان. بۇ خىل ماينى قارا رەڭدىكى تالاغا سۈرتكەندە، ئىسسىقتا رەڭ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، ئۇنى كىيگەندە، بەدەن قىسىملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ۋە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ھەر خىل ئۆزگىرىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان رەڭلەر بارلىققا كېلىدۇ.
رەڭ ئۆزگەرتىدىغان خۇرۇم ئاياغقا ئىشلىتىلگەن خام ئەشيالار ئادەتتىكى كۆن - خۇرۇم ياسىلىدىغان خام ئەشيا بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭغا ئىككى خىل رەڭ بېرىلىدۇ، رەڭ بەزىدە كۆرۈنۈپ، بەزىدە يوقاپ، رەڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەڭ ئاددىي رەڭ ئۆزگەرتىش خۇرۇم ئايىغىنىڭ قېنىق قوڭۇر رەڭلىك خۇرۇمىغا سۇس قوڭۇر رەڭ بېرىلىدۇ، خۇرۇم ئاياغ پارقىرىتىلغاندىن كېيىن، قاراڭغۇ جايدا سۇس رەڭنى ئاسان بايقىغىلى بولماي، قېنىق قوڭۇر رەڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ؛ يورۇق جايدىكى نۇرنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىدىكى سۇس قوڭۇر رەڭ ئايان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خۇرۇم ئاياغمۇ رەڭ ئۆزگەرتىدۇ.