UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسى

ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئادەتتىكى بىر ماشىنىنىڭ چوڭ - كىچىك دېتاللىرى2000 غا يېتىدۇ، ئۇلارنى بىر يەرگە توپلىسا، ساناپ چىقىشقىلا توپتوغرا بىر سائەت كېتىدۇ. لېكىن، زامانىۋىلاشقان ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭ بىر ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇشىغا يېرىم مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ، بۇ قۇراشتۇرۇش ئاقما لىنىيىنىڭ تۆھپىسى. ئاقما لىنىيە ئۇزۇن بىر پولات زەنجىر، ئۇ تراكتورنىڭ زەنجىر تاپىنىغا ئوخشاش، ئىككى ئۇچى بىر - بىرىگە ئۇلانغان بولىدۇ، توشۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن توشۇش تاسمىسى قۇراشتۇرۇش سېخىدا ئاستا - ئاستا يۆتكىلىدۇ، توشۇش تاسمىسى ئۈستىگە ئاپتوموبىل جازىسى قويۇلغان، ئىشچىلار ئىككى ياقتا تۇرۇپ، ھەرقايسىسى بىر دېتالغا مەسئۇل بولىدۇ. بىر ئىشچى چاقنى ئورناتسا، يەنە بىر ئىشچى بولتىنى چىڭىتىدۇ، ئىشچى ۋىكليۇچاتېلنى ئاچسىلا، توك ئەتۋىركە، »ۋىڭ - ۋىڭ« ئاۋاز چىقىرىپ، بولتىنى لايىھە بويىچە چىڭىتىدۇ. توشۇش تاسمىسى ئاپتوموبىلنى ئېلىپ كەتمەي تۇرۇپلا، ئۇ يەنە بىر بولتىنى ئېلىپ چىڭىتىشقا تەييار بولۇپ تۇرىدۇ... توشۇش تاسمىسى داۋاملىق ئالدىغا سىلجىيدۇ. شۇنداق قىلىپ، تاسما «مېڭىپ تۇرىدۇ»، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، ئاخىر ئاپتوموبىل پۈتۈپ چىقىدۇ. مۇنداق توشۇش تاسمىسىنىڭ ياردىمىدە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە مەھسۇلات سۇ ئېقىنىدەك ئېقىپ ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاقما مەشغۇلات دەپ ئاتىلىدۇ. زاۋۇت سېخلىرىدا ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش ئاقما لىنىيىسىدىن باشقا، يەنە تراكتور، ۋېلىسىپىت، تېلېۋىزور، سائەت، ئاياغ كىيىم، ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىلىرىمۇ بار. ھەربىر خىل ماشىنىنىڭ ئاقما مەشغۇلاتىدا بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە قاچان قايسى دېتالنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەڭ ياخشى، ھەرقايسى ئىشچىلار قەيەردە تۇرۇشى كېرەك، قايسى ئەسۋابنى ئېلىشى كېرەك دېگەنلەر ئالدىن لايىھىلەنگەن بولىدۇ. بىر ئىشچى بىرلا ئىشنى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مەھسۇلاتنى باشتىن - ئاياغ بىرلا ئادەم قىلغىنىدىن كۆپ ئاسان ۋە كۆپ تېز بولىدۇ. ئاقما لىنىيىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇغىلىمۇ بولىدۇ. نۇرغۇن زاۋۇتلار ئاپتوماتلاشقان مېخانىك قول ياكى ماشىنا ئادەملەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار توشۇش تاسمىسىنىڭ ئىككى يېقىغا تىزىلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئورنىدا مەشغۇلات ۋە ئەمگەك قىلىدۇ، مانا بۇ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki