UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئاسمان - پەلەك بىنا

ئاسمان - پەلەك بىنا

پەن - تېخنىكا دۇنياسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز «ئاسمان - پەلەك بىنا» − ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى سېلس بىناسى بولۇپ،110 قەۋەت، ئېگىزلىكى443 مېتىر كېلىدۇ. «ئېگىز دەرەخنى شامال سوقىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىنا قانچىكى ئېگىز بولسا، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان شامال بېسىمىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.400 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بىنا ئەڭ چوڭ شامال كۈچىگە ئۇچرىغاندا، بىنا چوققىسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى1 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ كونترول قىلىنمىسا، دېرىزىدىكى ئەينەكلەر چىقىپ كېتىدۇ، تاملارغىمۇ دەز كېتىدۇ. ئالىملار يۇمىلاق شەكىلدىكى بىنانىڭ شامالنىڭ تەسىرىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئۇچرىغان شامالنىڭ تەسىرى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىكى بىنانىڭ يېرىمىغىلا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. لايىھىلىگۈچىلەر ئاسمان - پەلەك بىنالارغا تېگىدىغان شامالنىڭ كۈچىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سىلىندىرسىمان شەكىل ئاسمان - پەلەك بىنا قۇرۇلۇشىغا ئەڭ باب كېلىدىغانلىقىنى بىلدى، بۇنىڭدا پۈتكۈل ئىمارەت خۇددى يەرگە سانجىلغان سىلىندىرغا ئوخشايدۇ، بىنانىڭ ئېغىرلىقى سىلىندىرنىڭ چېتىگە مەركەزلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلىندىرسىمان ئىمارەتنىڭ شامال كۈچىنى ئاجىزلىتىش رولى بولغاچقا، بىنانىڭ تەۋرىنىشىنى كىچىكلىتىدۇ، ئادەتتە ئۇنىڭ تەۋرىنىشى2 −5 سانتىمېتىر دائىرىدە بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە خاتىرجەم خىزمەت قىلالايدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاسمان - پەلەك بىنالار بېتون قۇرۇلمىلىق، تولۇق سىلىندىرسىمان قۇرۇلۇش بولۇپ، غايەت زور تۇرخۇنغا ئوخشايدۇ، سىلىندىر تاملىرىغا تۆشۈكچىلەر ئېچىلىپ دېرىزە قىلىنىدۇ. بۇ «تۇرخۇن » نىڭ پۈتۈنلەي يۇمىلاق شەكىلدە بولۇشى ناتايىن، بىراق چاسا قىسمى تولىمۇ ئاز بولىدۇ. «تۇرخۇن» نىڭ ئىچكى قىسمىدا تىرەك بار بولۇپ، ھەر بىر قەۋىتى تاختاي ئارقىلىق ئايرىلىدۇ. تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسى تۆشۈك بولۇپ، پۈتۈن بىنانىڭ ئوتتۇرىسى تىك قۇدۇقسىمان كاۋاكنى ھاسىل قىلىدۇ. ئوتتۇرىدىكى بۇ بوشلۇق ئۈستى ئوچۇق ھويلا شەكلىدە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى باغچىغا ئوخشاش گۈل - گىياھ تىكىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا لىفت ۋە پىيادىلەر يولى ياساشقا بولىدۇ. ئاسمان - پەلەك بىنا بەئەينى تىك شەكىلدىكى شەھەرگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا بىناسى110 قەۋەت بولۇپ، بىنا ئىچىدە50 مىڭ خىزمەتچى خادىم بار، ھەر كۈنى80 مىڭ خېرىدارنى كۈتۈۋالىدۇ، بىنا ئىچىدە ئىشخانا، تۇرالغۇ، سودا سارىيى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تەل. بىنانىڭ قاتنىشى ئاساسەن لىفت ئارقىلىق بولىدۇ، بىنا ئىچىدىكى لىفتلاردىن باشقا، تاشقى دۇنيانى كۆرۈش ئۈچۈن، بىنا سىرتىغا قۇراشتۇرۇلغان مەنزىرە لىفتلىرىمۇ بار. ئاسمان - پەلەك بىنادىكى لىفتلار شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئادەتتىكى تاق قەۋەتلىك لىفتلارمۇ، قوش قەۋەتلىك لىفتلارمۇ بار؛ مەلۇم قەۋەتلەرگىلا چىقىدىغان رايون ئارىلىقى لىفتلىرىمۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك بىۋاسىتە لىفتلەرمۇ بار، لىفتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى مىنۇتىغا600 مېتىر ئەتراپىغا يېتىدۇ. سىلىندىرسىمان ئاسمان - پەلەك بىنا قۇرۇلمىسى ھەل بولغانلىقتىن، كەلگۈسىدىكى ئاسمان - پەلەك بىنالارنىڭ ئېگىزلىكىنى يەنە ئېگىزلەتكىلى بولىدۇ. ئارخىتېكتورلار200 نەچچە قەۋەتلىك ئاسمان - پەلەك بىنالارنى لايىھىلەپ چىقتى. ياپونىيىدىكى مەلۇم شىركەت سۈنئىي ئاراللارغا سېلىنىدىغان يانار تاغ شەكلىدىكى ئىمارەتنى لايىھىلەپ چىقتى، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى4000 مېتىر (1400 قەۋەتلىك ئاسمان - پەلەك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدۇ) بولۇپ،700 مىڭ ئادەم ئولتۇراقلىشالايدۇ. سۇ يۈزىدىن1 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە رەسەتخانا، ئېنېرگىيە زاۋۇتى ۋە باشقا ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى ساھىل مەنزىرە رايونى قىلىنىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا مۇمكىن ئەمەستەك قىلسىمۇ، لېكىن ئالىملار يۇمىلاق ئىمارەت قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت ئەنگۈشتەرگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، بىنانى تېخىمۇ ئېگىز سالغىلى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى