UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىپارتلىتىپ پىششىقلاپ ئىشلەش

پارتلىتىپ پىششىقلاپ ئىشلەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى پارتلاشنىڭ زىيىنى چوڭ، بىر بومبا بىر ئۆينى تۈزلىۋېتەلەيدۇ، كىچىك بىر بولاق پارتلاش دورىسى بىر كۆۋرۈكنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋېتەلەيدۇ. بىراق، پارتلاشمۇ خېلى كۆپ ماشىنا زاپچاسلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. زور تىپتىكى پار قازاننىڭ ئۈستىنىڭ دىئامېتىرى2 مېتىر، شەكلى قازانغا ئوخشاش بولۇپ، يېپىش تەس. ئەگەر پارتلاشتىن پايدىلىنىپ، ئاۋۋال بىر ئويما قېلىپ ياساپ، دىئامېتىرى2 مېتىر كېلىدىغان مېتال تاختاينى قېلىپنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئەتراپنى چىڭ ئەتسە، ئوتتۇرىسىغا پارتلاش دورىسى قويۇپ، قېلىپ بىلەن مېتال تاختاينىڭ ئارىسىدىكى ھاۋانى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىپ، پىلىككە ئوت ياقسا، «گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بۇ پار قازاننىڭ ئۈستى پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ پارتلىتىپ شەكىلگە كەلتۈرۈش دېيىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى پونكىتىنىڭ قازانسىمان ئانتېنناسى، خىمىيە سانائىتى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى سانائەتلىرىدىكى شارسىمان ۋە كونۇسسىمان يۇقىرى بېسىملىق قاچىلىرى پارتلىتىپ ياسىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن پارتلاشنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدۇ؟ ئەسلىدە پارتلاش كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە تاماملىنىدىغان ھادىسە، پارتلىتىلىدىغان نەرسە كېڭىيىپ بولغىچە، ھارارىتى2000 −3000 سىلىتسىيە گرادۇسقا يېتىپ، بېسىمى10 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىغا چىقىدۇ - دە، غايەت زور زەربە دولقۇنى ھاسىل بولىدۇ. مۇنداق يۇقىرى ھارارەت، يۇقىرى بېسىم، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك كېڭەيگەن گاز، خۇددى ماشىنىنىڭ سوقۇلۇش كۈچىگە ئوخشاش، ماتېرىيالنى بېسىپ شەكىلگە كەلتۈرىدۇ. دورا پارتلىغاندا ھاسىل بولغان زەربە دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن قاتتىق پولات ماتېرىياللىرىغا ئوڭايلا تۆشۈك تەشكىلى بولىدۇ. «پارتلىتىپ ياسالغان پەرچىن مىخ» بىلەن ئىشچىلار مەشغۇلات قىلالمايدىغان يەرلەرنى پەرچىنلىگىلى بولىدۇ. غايەت يوغان تۇرۇبىلارغا پارتلاش پىلىكى باغلاپ، پارتلىتىپ كەسكىلى بولىدۇ، پارتلاش يەنە بىر - بىرىگە زادىلا يېپىشمايدىغان مېتاللارنى، مەسىلەن، پولات بىلەن ئاليۇمىن، چويۇن بىلەن پولات قاتارلىقلارنى بىر - بىرىگە پاياتلىيالايدۇ، چۈنكى، بۇ مېتاللار زەربە دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇرۇلۇپ، بىر - بىرىگە «نەقىش» لىنىپ، ئىنتايىن مەھكەم تۇتۇشۇپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى