بىرىكمە ماتېرىياللار
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
پولات چىۋىقلىق بېتوننىڭ چىداملىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا پولاتنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ئەۋرىشىملىكى بىلەن سېمونتنىڭ بېسىمغا چىداشلىق ئالاھىدىلىكى تولۇق بىرلەشكەن بولىدۇ. بىرىكمە ماتېرىياللار پولات چىۋىقلىق بېتوننىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىلھامى بىلەن تەرەققىي قىلغان يېڭى تىپتىكى ماتېرىياللاردۇر.2
- دۇنيا ئۇرۇشىدا باش كۆتۈرگەن ئەينەك پولات «بىرىكمە» ماتېرىيالدۇر. ئۇ ئەينەك تالالىرى بىلەن سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن. ئەينەك تالالىرى ئەينەك ئېرىتىپ ئېلىنغان تالالار بولۇپ، چاچتىن ئىنچىكە، ئەمما ناھايىتى ئېلاستىك بولۇپ، تۆمۈر سىمدىن كۆپ پۇختا. ئەينەك پولات پولات چىۋىقلىق بېتونغا ئوخشاش، ئەينەك تالالىرى، «پولات چىۋىق»قا، سۇلياۋ «سېمونت» قا ئوخشاش بولۇپ، ئىككىسى بىرلەشسە ھەم ئەينەك تالالىرىنىڭ تارتىشقا، يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىقلىقى، چىرىمەيدىغانلىقى، ھەم سۇلياۋنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ئېلاستىكلىقى، چېقىلمايدىغانلىقى ۋە چۈرۈك ئەمەسلىكى مۇجەسسەملىشىدۇ، بۇ ئىككى ماتېرىيال بىرىككەندىن كېيىن، كۈچى پولاتتىن كۈچلۈك، ئېغىرلىقى پولاتتىن %80 تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن پىكاپنى ئىككى كىشى بىمالال كۆتۈرۈپ ئەپكىتەلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن ياسالغان راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ سىرتقى قېپى پەيتلىك ۋاقىتتىكى℃ 5000 —℃10000 يۇقىرى ھارارەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بۇنىڭغا باشقا ھەرقانداق ماتېرىيال چىدىمايدۇ.
ھازىر بىرىكمە ماتېرىياللارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. كاربون تالالىق بىرىكمە ماتېرىيال دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماتېرىيال خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق ئېلېكترون سانائىتى، كېمىسازلىق، بولۇپمۇ ئايروپىلان سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭدىن ياسالغان ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقى% 40—% 45 يەڭگىل بولىدۇ، قانات، قۇيرۇقلىرىنىڭ ئېغىرلىقى %30—% 40 يەڭگىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالەم ئايروپىلانى «كولۇمبىيە» نىڭ گەۋدىسى30 مىڭ پارچە «مېتال ساپال» دىن تۈزۈلگەن. ئۇ مېتال ۋە ساپال ئۇنىنى ئېرىتىپ تۇتاشتۇرۇپ ياسالغان، ئەۋرىشىم ۋە چۈرۈك ئەمەس، قاتتىق ۋە چىرىمەيدۇ. ئۇنىڭدىن راكېتا ماتورىنىڭ ئىچكى دىۋارى ۋە پۈركۈش ئېغىزى ياسالسا ھەم يۇقىرى ھارارەتكە، ھەم سىلكىنىشكە بەرداشلىق بېرىدۇ. مېتال ساپالدىن ئوق قازان ياسالسا،℃1000 لۇق يۇقىرى ھارارەتتىمۇ نورمال ئايلىنىۋېرىدۇ، سىلىقلاش مېيىمۇ كېرەك بولمايدۇ. ئۇ شۇنداق قاتتىقكى، قاتتىق بىرىكمىلەردىن ياسالغان قىرىش سايمانلىرىنىمۇ كېسەلەيدۇ، «قاتتىقلىق پادىشاھى» — ئالماس بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالايدۇ.