ئاسما ئىمارەت
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەر يەرنى ئاز ئىگىلەش، بۇلغىنىشنى ئازايتىشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا، ھازىرقى شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئايلاندى. بىراق، ئېگىز قەۋەتلىك ۋە ئالاھىدە ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ ئۇچرايدىغان شامال كۈچى زور بولىدۇ، يەر تەۋرىگەندە ئاسانلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ، بىنامۇ ئاسانلا چۆكىدۇ، شۇڭا، ئالىملار باشقا شەكىلدىكى ئىمارەتلەرنى لايىھىلەۋاتىدۇ.
بەزى ئارخىتېكتورلار دەرەخنىڭ قۇرۇلمىسىدىن مۇنداق ئىلھام ئالغان، دەرەخ قاتتىق بوران، قارايامغۇر ۋە يەر تەۋرەشنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاساسەن ئۆزىنىڭ تۇپراققا مۇقىملاشقان زور يىلتىز سىستېمىسى، مۇستەھكەم غولى ۋە شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلىرىغا تايىنىدۇ. ئارخىتېكتورلار مۇشۇ ئاساستا ئۆينىڭ تىك قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەم «دەرەخ غولى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ھەم ئۇنى يەر ۋە تاغ جىنسلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر «يىلتىز تارتقۇزۇش»نى تەسەۋۋۇر قىلدى. پەلەمپەي، لىفت قاتارلىقلار دەرەخ غولى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چىقىش - چۈشۈش يولى قىلىنىدۇ، «دەرەخ غولى» غا نۇرغۇن لىملار دەرەخ شېخىغا ئوخشاش سىرتىغا چىقىرىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يېنىك ماتېرىياللاردىن تەييارلانغان ئۆيلەر يوپۇرماققا ئوخشاش لىملارغا ئېسىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئاسما ئىمارەت بارلىققا كېلىدۇ.
بۇ خىل ئاسما ئىمارەتلەرنىڭ شامال، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا، ئاھالىلەر خاتىرجەم تۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇش قىلىش بىرقەدەر قۇلايلىق بولۇپ، ئېگىز قەۋەتلىك، ئالاھىدە ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردىكىدەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ھەم ترانسپورت، قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر ئىگىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان تۈرلۈك قۇلايسىزلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. رەت - رەت ئېسىلغان ئۆيلەر زاۋۇتتا شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل بىلەن قۇرۇلۇش مەيدانىغا توشۇپ كېلىنىپ، كران ياكى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن لىملارغا ئېسىپ قويۇلسىلا بولىدۇ.
بۇ خىل ئاسما ئىمارەت كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۆينىڭ ئورنىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى، ئېگىز قەۋەت، تۆۋەن قەۋەت، سول تەرەپ، ئوڭ تەرەپنى ئىختىيارىچە تاللىغىلى بولىدۇ، ناۋادا بىرەر ئۆيدە چاتاق چىقسا يالغۇز شۇ ئۆيلا رېمونت قىلىنىدۇ، باشقا ئاھالىلەرگە ۋە پۈتكۈل ئىمارەتكە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۆي كۆچكەندىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىك بولمايدۇ، ئېسىلغان ئۆينى چۈشۈرۈپ، ئاپتوموبىل ياكى تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئېلىپ بېرىپ، يېڭى «دەرەخ غولى» غا ئېسىپ قويسىلا، كىشىلەر يېڭى تۇرالغۇغا ئىگە بولالايدۇ.