UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىكومپيۇتېردا كىيىم لايىھىلەش

كومپيۇتېردا كىيىم لايىھىلەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كۇنۇپكىنى بىر باسسىلا، ئېكراندا چىرايلىق بىر يۈرۈش كىيىم كىيگەن سىز ئايان بولىسىز؛ قانائەت تاپمىسىڭىز، بىرنەچچە كۇنۇپكىنى بېسىپلا، كىيىملەرنى »سىناپ كىيىپ« سېلىشتۇرىسىز. بۇ كومپيۇتېر ياردىمىدە كىيىم لايىھىلەش سىستېمىسى، بەزىلەر ئۇنى »كىيىمگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسى« دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر كىيىم لايىھىلەش كومپيۇتېرىدىن ئىبارەت. كىيىم لايىھىلىگۈچى مەلۇم پاسوندىكى كىيىمنى ياقا، يەڭ، كۆكرەك، بەل، ئاياغ، يانچۇق دېگەندەك ئون نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ؛ بۇ بۆلەكلەرنى يەنە نۇرغۇن ئۆلچەملەرگە بۆلۈپ، كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، چوڭايتقىلى ۋە كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. بىرنەچچە سانلىق مەلۇماتنى كىرگۈزسىلا ھەر خىل پاسوندىكى كىيىملەرنى قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ. كومپيۇتېردا رەختلەرنىڭ رەڭگىنى لايىھىلىگىلى، چەكلىك نۇسخىلاردىن مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ گۈل نۇسخىلىرىنى قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ، كىيىم لايىھىلىگۈچى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق ئۇسلۇب، رەڭ ۋە رەختتە كىيىم قۇراشتۇرىدۇ ۋە ئېكراندىكى مودېلغا كىيدۈرىدۇ، خالىغان بىرنەچچە كۇنۇپكىنى بېسىپلا، كىيىمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، رەڭگى، رەختى ۋە پاسونىنى تەڭشىيەلەيدۇ. سىز ماشىنىنىڭ »كىيىم كىيىش ئەينىكى« ئالدىدا تۇرسىڭىز، ئېكراندىكى مودېلغا ئايلىنىسىز، ماشىنىنىڭ يورۇقلۇق سېنزورى لايىھىلىگۈچىنىڭ كۆزى ۋە مېتىرىغا ئوخشاش، تىكىلىدىغان كىيىمنىڭ بەزى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تېزلا ئۆلچەپ ۋە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ھېسابلاپ چىقالايدۇ، ئېكراندا سىزنىڭ پۈتۈن ئوبرازىڭىز ۋە ماشىنا »سىزنى ئۆلچەپ تىككەن كىيىم« نى كىيگەن تۇرقىڭىز تېزلا كۆرۈنىدۇ. بۇ ماشىنا لايىھىلەپ تىكىلگەن كىيىمنى ھەر خىل تۇرغۇدىن كۆزىتەلەيدۇ ۋە كېسىش ئۈلگىسىنى بېسىپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ماشىنا ئېلانغا ۋە مۇندەرىجىنى بېسىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، تۆت خىل رەڭدىكى نۇسخىنى ئايرىم - ئايرىم بېسىپ چىقىرالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، خېرىدار مەيلى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسۇن ياكى ئېلاندىكى رەڭلىك باسمىنى كۆرگەن بولسۇن، ئوخشاشلا ئۆزى كىيگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
كومپيۇتېردا كىيىم لايىھىلەش | UyghurWiki | UyghurWiki