UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش

ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كەلگۈسى جەمئىيەتنى A3 جەمئىيەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. «A3» دېگىنىمىز زاۋۇتلار ئاپتوماتلاشقان، ئىشخانىلار ئاپتوماتلاشقان ۋە ئائىلىلەر ئاپتوماتلاشقان دېگەنلىكتۇر. ئىشخانىنىڭ خىزمىتى ھۆججەت تەييارلاش، ھۆججەت - ئالاقە يوللاش، سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش، جەدۋەل - دىئاگراممىلارنى تەھلىل قىلىش، ئارخىپ ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋاقىت، كۈچ كۆپ سەرپ بولغاچقا، كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ تېز ئۇچۇر توپلاش، ئۇچۇر تەھلىل قىلىش، ئۇچۇر ساقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېگىنىمىز يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىزمەتلەرنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تاماملاشنى كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئىشخانىدا خىزمەتچىلەر كومپيۇتېر تېرمىنالى ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ. خەت - چەك ئالاقىسى ياكى كرېدىت، بوغالتىرلىق بولسۇن، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. خەت يېزىشتا ئوپتىك قەلەم ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئېكرانغا خەت «يازغان»، دىئاگرامما «سىزغان» دا، ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدۇ. ئوپتىك قەلەم بىلەن ھۆججەت تەييارلاش، چېرتيوژ لايىھىلەش ئىنتايىن قۇلايلىق. ھۆججەت ماتېرىياللىرىنى يېزىشتا، ماشىنكىغا ئوقۇپ بەرسىلا، ئادەمنىڭ سۆزلىرى ماشىنكىدا بىۋاسىتە خەتكە ئايلىنىدۇ، ماشىنىستنىڭ ئۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ماتېرىيال، ھۆججەت توپلاش، رەتلەشتە «ئوقۇغۇچ» ماشىنىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ئۇ ھۆججەت، سۈرەت قاتارلىقلاردىن ئوپتىكىلىق شەكىل چۈشۈرىدۇ ۋە «كۆرگەن» مەزمۇنلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئىزدەشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ. ئىشخانا ئاپتوماتلاشقاندا، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى، سەۋەنلىكلەرنى ئازايتقىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىش بېجىرىش شەكلىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. زامانىۋىلاشقان ئۈسكۈنىلەر بار بولغاچقا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىر بىناغا يىغىلىۋېلىپ ئىشلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بەزى خىزمەتچىلەر ئۆيىدە ياكى باشقا جايدا خىزمەت قىلسا بولىدۇ، ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرىنى پۈتكۈل كومپيۇتېردا ئىش بېجىرىش سىستېمىسىغا كىرگۈزسىلا كۇپايە، شۇڭا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى، خىزمەت ۋاقتى تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئىشخانىلاردا ئومۇملىشىشىنىڭ ياخشى تەرىپى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنى مەيۈسلەندۈرىدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. بەزى كومپيۇتېرلاشقان ئىشخانىلاردىكى كىشىلەر ساغلاملىق ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدىغان بولدى. كۈن بويى كومپيۇتېر تېرمىنالىنىڭ ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا، باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر خىزمەتچىلەرگە ئەندىشە سالىدۇ، نېرۋىنىڭ يۈكسەك جىددىيلىشىشىمۇ باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئىش بېجىرىش شارائىتى، مەسىلەن، يورۇقلۇق چۈشۈش، ھاۋا ئۆتۈشۈش، ئىسسىنىش قاتارلىقلارنى ياخشىلاش كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki