باكتېرىيە رەخت
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئىنسانلارنىڭ كىيىم - كېچىكى ئۈچۈن رەخت ئىشلەشتە، كەلگۈسىدە پاختا تېرىش ۋە رەخت توقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئالىملار ھاراقنى سىركىگە ئايلاندۇرالايدىغان بىر خىل باكتېرىيىنى بايقاپ، ئۇنى سىركە كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسى دەپ ئاتىدى، بۇ باكتېرىيە ئىنتايىن ئۇششاق يىپچىلارنى چىقىرالايدۇ. كېيىن، سۈنئىي يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش ئارقىلىق، تامامەن يېڭى تىپتىكى قۇيما رەخت ھاسىل قىلىندى، كىشىلەر ئۇنى باكتېرىيە رەخت دەپ ئاتىدى.
باكتېرىيە رەخت تالاسىنى، ئەمەلىيەتتە، «زەمبۇرۇغ» ئىشلەپچىقىرىدۇ. مۇئەييەن تېمپېراتۇرا ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بولسىلا، بۇ تۈردىكى باكتېرىيىلەر ئىنتايىن ئىنچىكە «تىۋىت» لەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، مانا بۇ بىز ئادەتتە دەۋاتقان «پاختىلىشىش» ھادىسىسى. ئالىملار باكتېرىيە ئۆستۈرگۈچكە يالتىراق ئاقارتقۇچنى تېمىتقاندا باكتېرىيىلەر غىدىقلىنىپ، نۇرغۇن ئىنچىكە تالالار بىرلىشىپ، توم ھەم ئۇزۇن تالالارغا ئۆزگەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈش سۈرئىتىمۇ نورمال سۈرئەتتىن3 ھەسسە تېز بولغان. بۇ تالالار بىر - بىرىگە يېپىشىپ، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنىڭ تالا تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۇنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇلار قەغەزگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئاندىن خىمىيىۋى ئەۋرىشىملەشتۈرگۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا، مۇئەييەن ئەۋرىشىملىككە ئىگە قۇيما رەخت تالا بۇيۇمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە48 سائەت ئىچىدىلا،5 لىتىر يېتىشتۈرگۈچتىن5 .0 كىلوگرام باكتېرىيە تالاسى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ پاختا، يۇڭ، يىپەك قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىدىن نەچچە مىليون ھەسسە تېز، ھەتتا خىمىيىۋى تالالارنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىدىنمۇ تېز.
ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلىقى باكتېرىيە رەختنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن تېما. باكتېرىيە ئۆستۈرۈشكە گلۇكوزا ئىشلىتىلگەچكە، تەننەرخى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا، ئالىملار ھەم فوتوسىنتېز رولىغا ئىگە، ھەم سېللۇلوزا ھاسىل قىلالايدىغان يېڭى مىكرو ئورگانىزملارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىر خىل كۆك رەڭلىك پىنان بولۇپ، ئۆزىگە لازىملىق ئوزۇقلۇق ۋە گلۇكوزىنى قۇياش نۇرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، باكتېرىيىلەر قۇياشتىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ نۇرغۇن رەختلەرنى «توقۇيالايدۇ». يۈسۈن تۈرىدىكىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ باكتېرىيە رەخت ئىشلىگەندە ئەرزانغا توختايدۇ.
باكتېرىيە تالاسى چىداملىق، ئىنچىكە ھەم يۇمشاق بولۇپ، پاختا، كەندىر تالاسىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە. باكتېرىيە رەختنى داۋالاشتا داكا ئورنىدا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولىدۇ، ئۇ جاراھەت ئاغزىدا ئادەمنىڭ تېرە ھۈجەيرە توقۇلمىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان يۇمشاق «تېرە»نى شەكىللەندۈرۈپ، جاراھەت يۈزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن روشەن.