UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان »لىفت«

ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان »لىفت«

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئالەم ئايروپىلانى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ يەر شارىدىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى كۆپ ئاسانلاشتى. بىراق، ئالەم ئايروپىلانىدا100 گرام مالنى توشۇشقا1500 دوللار كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەك قىممەتكە توختايدۇ. ئالىملار كۆككە تاقاشقان تۆمۈر مۇنار ۋە ئاسمان - پەلەك بىنالاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك لىفتلاردىن ئىلھام ئېلىپ، قەدەمداش سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدىغان تۆمۈر مۇنار ياساپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى سۈرئەتلىك لىفت ئورنىتىشنى تەسەۋۋۇر قىلدى، شۇنداق بولغاندا، كىشىلەر ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر شارى ئارىلىقىدا ئىختىيارىچە ھەرىكەت قىلالايدۇ. ھالبۇكى، بۇ بىر تەسەۋۋۇر. بۇنداق مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى35 مىڭ800 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن مىجىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇنار تەگلىكى ئاز دېگەندە400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنى ئىگىلەيدۇ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن. ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ۋاز كەچمەي، تەپەككۈر نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، قەدەمداش سۈنئىي ھەمراھتىن تۆۋەنگە سوزۇلغان «تەتۈر مۇنار» ياساش خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار سۈنئىي ھەمراھتىن يەرگىچە بىر شوتا چۈشۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلدى، ئاسماندىن چۈشكەن بۇ شوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى35 مىڭ800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئەگەر سۈنئىي ھەمراھ مۇشۇنداق ئۇزۇن ھەم ئېغىر شوتىنى سۆرەپ يۈرسە، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى (يەنى ئېغىرلىق كۈچى) نىڭ تەسىرىدە شوتا بىلەن قوشۇلۇپ بىراقلا يەرگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. قانداق قىلغاندا «ئاسماندىن چۈشىدىغان شوتا» بىلەن سۈنئىي ھەمراھنى بوشلۇقتا مۇئەللەق تۇرغۇزغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا سۈنئىي ھەمراھتىن يەنە ئۈستىگە قاراپ بىر «ئاسمانغا چىقىدىغان شوتا» ياساش كېرەك، ئاسمانغا چىقىدىغان شوتىنىڭ ئېگىزلىكى108 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەندە، ئۇ ئۇچرايدىغان يۇقىرىغا تارتىش كۈچى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدىغان شوتا ئۇچرايدىغان تۆۋەنگە تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەڭپۇڭلىشىپ، سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بۇ بوشلۇق − ئالەم شوتىسىمۇ مۇئەللەقتە تۇرالايدۇ. بۇ خىل ئالەم بوشلۇقى شوتىسىنى ياساش ئۈچۈن، ئاۋۋال يەر شارى بىلەن تەڭ قەدەمدىكى ئوربىتا، يەنى، ئېكۋاتوردىن36 مىڭ كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا چوڭ تىپتىكى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ياساشقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن باشلاپ ئىككى تەرەپكە شوتا ياساشقا توغرا كېلىدۇ. ئاسمانغا چىقىدىغان ۋە چۈشىدىغان شوتا بىرلا ۋاقىتتا ياسىلىشى كېرەك، ھەر500 كىلومېتىر ياكى1000 كىلومېتىر ياسىلىپ بولغاندا، بىر ئۇچار كېمە ياكى سۈنئىي ھەمراھ ئۇلىنىپ، داۋاملىق ياسىلىشى كېرەك. بوشلۇقتىكى شوتا ھەرگىزمۇ راست شوتا ئەمەس، ئۇ ھىملانغان لىفت تۇرۇبا يولى. تۇرۇبا يولىنىڭ تۆت تېمى ئېلېكترو ماگنىت ماتېرىياللىرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئېلېكترو ماگنىت كۈچىدىن پايدىلىنىپ، لىفتنىڭ ئېغىرلىقىنى يېڭىپ ئۆرلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. ئېلېكتر مەنبەسىنى سۈنئىي ھەمراھ قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىسى تەمىنلەيدۇ. لىفت ئىنتايىن چوڭ ھىملانغان ۋاگون بولۇپ، ئۇنىڭغا ئادەم چىقالايدۇ، مال سالغىلى بولىدۇ، پۈتكۈل سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئۇچار كېمىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قاچىلىغىلى بولىدۇ. لىفت يۇقىرى ئۆرلىگەندە، شوتا بىلەن بىللە يەر شارىنى ئايلىنىدۇ، يۇقىرى ئۆرلىگەنچە ئېغىرلىق كۈچى كىچىكلەپ، ئۆرلەشكە ئاز كۈچ كېتىدۇ. لىفت ئادەم ئېلىپ يەر يۈزىگە قايتقاندا، ئۇ ئېغىرلىق كۈچىگە تايىنىپ ئاپتوماتىك تۆۋەنلەپ، ئېلېكترنى ناھايىتى ئاز سەرپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى