UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئۈن - سىنلىق كىتاب - ژۇرنال

ئۈن - سىنلىق كىتاب - ژۇرنال

پەن - تېخنىكا دۇنياسى يېقىن كەلگۈسىدە، ئاۋازلىق ھەم سۈرەتلىك كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللار ئومۇملىشىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئۈن - سىنلىق كىتاب - ژۇرنال ياكى ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرنال دەپ ئاتايدۇ. ئۈن - سىنلىق كىتاب - ژۇرناللار، ئاساسەن، ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بىرى، ئۇچۇر ساقلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئاساسەن ماگنىتلىق دىسكا ياكى ئوپتىك دىسكىدىن ئىبارەت، ئۇ كىتاب - ژۇرنالدىكى بارلىق يېزىق، قىستۇرما رەسىم ۋە ئاۋاز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇن ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئۇنىڭ ھەجمى ئىنتايىن كىچىك. يەنە بىرى، ئادەتتىكى ژۇرناللاردىنمۇ كىچىك ئېلېكترونلۇق ئوقۇغۇچ، بۇ يېزىق، سۈرەت ۋە ئاۋازلارنى ئىدارە قىلىدۇ، كۆرسىتىدۇ ۋە تارقىتىدۇ. ئېلېكترونلۇق ئوقۇغۇچنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدا كىتاب بېتىچىلىك چوڭلۇقتىكى تەكشى يۈزلۈك ئېكران بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يورۇتقۇچ بار، ئېكراننىڭ ئوڭ - سول تەرىپىدە كاناي بولۇپ، تۆۋەندىكى بۆلىكىدە كۇنۇپكا بار، ئوخشاش بولمىغان كۇنۇپكىلارنى بېسىپ، كىتاب - ژۇرناللاردىكى مەزمۇنلارنى تاللىغىلى ۋە ئوقۇغۇچتا ئايان قىلغىلى ۋە دېكلىماتسىيە قىلغىلى بولىدۇ. ئۈن - سىنلىق كىتاب - ژۇرناللار مەزمۇنىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ئوپتىك دىسكىنىڭ سىغىمىغا باغلىق. تەخسە چوڭلۇقىدىكى ئوپتىك دىسكىدا «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان ئون يىللىق مەزمۇننى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۈن - سىنلىق گېزىت - ژۇرناللاردا چوڭ قامۇستىكى يېزىق، رەسىم ۋە ئاۋازنى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر خاتىرىلىگەن كارتا ياكى دىسكىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كىتاب - ژۇرنال مەزمۇنىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىك بولۇپ، كىشىلەر كىتاب - ژۇرناللارغا مۇۋاپىق بىر خىل قۇرۇلمىنى قوشسىلا، يىراقتىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرناللارنى ئارىيەت ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدا مەزمۇنلارنى ئاڭلىيالايدۇ ياكى ئوقۇيالايدۇ.1984 - يىلنىڭ بېشىدا، ئامېرىكىدىكى بىر نەشرىيات شىركىتى گەپ قىلالايدىغان تۇنجى «ئامېرىكا ئىجتىمائىي پەنلەر قامۇسى» نى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقتى، ئوقۇرمەنلەر بېتخوۋىننىڭ ھاياتىغا دائىر مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا، بېتخوۋىننىڭ سىمفونىيىلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ؛ مارتىن لۇتېر گىننىڭ رەسىمىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ مەردانە نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ. بۇ خىل ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرناللار ئەما ئوقۇرمەنلەرگىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇلار ئوقۇغۇچتىكى كۇنۇپكا بىلەن تونۇشۇۋالسىلا، ئۆزى كۆرەلمەيدىغان كىتاب - ژۇرناللاردىكى ئاجايىپ مەزمۇنلاردىن لەززەت ئالالايدۇ. ئۈن - سىنلىق كىتاب - ژۇرناللار، باسما كىتاب - ژۇرناللىرىغا قارىغاندا، بىلىمنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئوبرازلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، بىراق ئۇ باسما كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ئورنىنى تولۇق ئالالمايدۇ. چۈنكى، ئۇنى باسما كىتاب - ژۇرناللارغا ئوخشاش ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا پويىز، ئايروپىلانلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكراندىكى يېزىق، سۈرەتلەرنى ئۇزاققىچە كۆرگەن كىشى زورۇقۇش ھېس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى