مىس
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
تۆمۈر مىخ مىس سۇلفات سۇيۇقلۇقىغا چىلانسا «ئالتۇن مىخ» قا ئايلىنىدۇ.2000 يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن ئېلىمىز خەلقى مۇنداق «تۆمۈرنى ئالتۇن قىلىش» تېخنىكىسىنى بىلگەن. تۆمۈرنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى مىستىن ئاكتىپ، ئۇ مىس سۇلفاتتىكى مىسنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆزى تۆمۈرلۈك سۇلفاتقا ئايلىنىدۇ. سىقىپ چىقىرىلغان مىس مىخنىڭ ئۈستىگە يېپىشىپ، ساپسېرىق «ئالتۇن مىخ» قا ئايلاندۇرىدۇ. خىمىيىدە بۇ ئورۇن ئالمىشىش رېئاكسىيىسى دېيىلىدۇ.17
- ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىغا كەلگەندە، ياۋروپادىكى ئىسپانىيىدە كىشىلەر ئاندىن مۇشۇنداق ئۇسۇلنى — رۇدىنى چىلاپ مىس تاۋلاشنى بىلگەن.19
- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، كىشىلەر كاندىن ئېقىپ چىققان كىسلاتالىق كان سۈيىدىن نۇرغۇن مىكروبلارنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گۈڭگۈرت تاياقچە باكتېرىيىسى دەپ ئاتالغان بىرىنىڭ «ئاجايىپ ماھارىتى» بار ئىكەن: بىر تەرەپتىن، تۆۋەن ۋالېنتلىق تۆمۈرنى ئوكسىدلاپ يۇقىرى ۋالېنتلىق تۆمۈرگە ئايلاندۇرۇپ، تۆمۈرلۈك سۇلفاتنى تۆمۈر سۇلفاتقا ئايلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، گۈڭگۈرت ئېلېمېنتى ياكى سۇلفىدلىق بىرىكمىلەرنى ئوكسىدلاپ سۇلفات كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرىدىكەن. مۇنداق شەكىللەنگەن تۆمۈر سۇلفات سۇيۇقلۇقى ۋە سۇلفات كىسلاتا سۇيۇقلۇقى مىس رۇدىسى تەركىبىدىكى مىسنى تېخىمۇ ئوڭاي ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھازىرقى زاماندا مىكروبلا مىس كانى قازىدىغان »كانچى« بولۇپ قالدى، پەقەت تۆمۈر سۇلفات، سۇلفات كىسلاتاسى ۋە مىكروبلاردىن ھاسىل قىلىنغان سۇيۇقلۇق مىس كانىغا كىرگۈزۈلسىلا، مىسنى تاۋلاپ چىقارغىلى بولىدۇ، ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى مىكروبتىن پايدىلىنىپ ئېلىنغان مىس ئومۇمىي مىس مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھازىر سانائەتتە مىس ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ دائىمىي ئۇسۇلى ئېلېكترولىزلاشتۇر.
سانائەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە مىس ۋە مىس قېتىشمىلىرى لازىم بولىدۇ. ساپ مىسنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى بەك ياخشى، كۈمۈشتىنلا كېيىن تۇرىدۇ، ئېلېكتر سانائىتىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. سېرىق مىس (جەز) مىس بىلەن سىنكنىڭ قېتىشمىسى، ئۇنىڭدىن كېپەك ئالتۇن، ئالتۇن ياپراق ۋە ئالتۇن سىرلىق بۇيۇملارنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.
قەدىمكى ھەربىي قوراللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك برونزىدىن ياسىلاتتى، برونزا مىس بىلەن قەلەينىڭ قېتىشمىسى، چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممە ھەربىي قوراللارنى يىغىپ ئېرىتىپ،12 «ئالتۇن ئادەم» قۇيدۇرغان، بۇ «ئالتۇن ئادەم» لەر ئەمەلىيەتتە مىس ئادەملەردۇر. برونزىغا%5 — 12% ئاليۇمىن ئارىلاشتۇرۇلسا، ئاليۇمىنلىق برونزىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ برونزىغا ئوخشاش سۈركىلىشكە بەكمۇ چىداملىق، ئۇنىڭدىن سانائەتتە داڭلىق ئۇپرىماس ئوق قازان ياسىغىلى بولىدۇ.
ئالتۇنغا ئوخشاش سېرىق مىسلا ئەمەس، كۈمۈشكە ئوخشاش ئاق مىسمۇ بار. ئاق مىس مىس بىلەن نىكېلنىڭ قېتىشمىسى، ئۇ ئوڭاي داتلاشمايدۇ (مىس يېشىلى پەيدا قىلمايدۇ)، ئۇنىڭدىن ھەمىشە نازۇك سايمانلار ۋە بېزەك بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ. ئاق مىسنىڭ توك، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى بەك ناچار بولۇپ، رېئوستات، تېرموپارا قاتارلىق ئېلېكترلىك پروبىرلارنى ياساشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.