UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىدېڭىز ئۈستىدىكى شەھەر

دېڭىز ئۈستىدىكى شەھەر

پەن - تېخنىكا دۇنياسى شەھەرلەردىكى يەرنىڭ قىسلىشىشى بىلەن كىشىلەر دېڭىز ئۈستىگە شەھەر قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئىلمىي مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا،21 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ % 10ى دېڭىز ئۈستىدىكى شەھەر تۇرالغۇلىرىغا كۆچىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ دۇنيا شەھەر شىركىتى «سۇمۇرغ دۇنيا شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرىنى ئېچىۋاتىدۇ، بۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى دېڭىز ئۈستىدىكى لەيلىمە شەھەر. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى5000 ئادەمنى سىغدۇرالايدىغان غايەت زور ساياھەت كېمىسىگە ئوخشايدۇ، كېمىگە كۆپ قەۋەتلىك بىرنەچچە بىنا سېلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك ساياھەت كېمىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن پورتلار قۇرۇلغان،«ئاھالىلەر» ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، زۇمرەتتەك دېڭىزدا ساياھەت قىلالايدۇ. دېڭىز ئۈستىدىكى بۇ شەھەرنىڭ مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولۇپ، سودا بىناسىدا دۇنيادىكى سەرخىل بۇيۇملار سېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭدا خەلقئارا يىغىن مەركىزى، كىنو - تىياتىرخانا، كۇتۇپخانا، كېچىلىك كۇلۇب، بالىلار كۆڭۈل ئاچىدىغان ساياھەت باغچىسى؛ تېلېۋىزىيە - خەۋەرلىشىش - رادىئو مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. دېڭىز ئۈستىدىكى بۇ لەيلىمە شەھەر2000 -يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ. ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى لايىھىلىگۈچىلەرمۇ دېڭىز ئۈستىدە ئىشخانا بىناسى سېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، لەيلىمە شەھەر ۋە ھەر خىل ئىقتىدارغا ئىگە رەڭگا رەڭ «دېڭىز ئۈستىدىكى مېھمانخانا»، «دېڭىز ئۈستىدىكى ئىشخانا»، «دېڭىز ئۈستىدىكى سودا سارىيى» قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ مۇقىم بىر جايدا ئىشلىشى قۇلايسىز بولغان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى، ئەڭ ياخشى لايىھە. خىزمەتچىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش، يول يۈرۈش ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، قىممەتلىك ۋاقتىنى تېجەپ، باشقا جايغا كۆچۈش، توشۇش دەردىدىن خالاس بولىدۇ. دېڭىز ئۈستىدىكى شەھەرلەرنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار. برازىلىيىنىڭ ئامازون دەرياسى ۋادىسىنى قويۇق چاتقال ئورمانلىقى قاپلىغان بولۇپ، دەريانى ياپيېشىل قومۇشلۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. قاتناش قۇلايسىز بولغاچقا، بۇ جايدا ئادەم ئاز، مول چاتقال، قومۇش قاتارلىق قەغەز ياساش بايلىقى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆسۈپ، ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ تۇرىدۇ.1979 - يىلى، ياپونىيىدىكى بىر كېمىسازلىق زاۋۇتى ئىككى بارژىغا قەغەز ياساش شەھىرى قۇرۇپ، تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ برازىلىيىگە كېلىپ، توختىماي قەغەز بوتقىسى ئىشلىگەن. بۇ جايدىكى بايلىق تۈگىسىلا دېڭىز ئۈستىدىكى قەغەز شەھىرى باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز ئۈستىدىكى شەھەر يەنە شەھەرلەرنى «كېمىلەشتۈرىدۇ»، بىنا، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسىنى «كېمە» ئۈستىگە سالغىلى، خالىغان چاغدا يۆتكىگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
دېڭىز ئۈستىدىكى شەھەر | UyghurWiki | UyghurWiki