دولقۇندىن توك ئېلىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئۆركەشلەۋاتقان دولقۇندا غايەت زور ئېنېرگىيە بار. كىشىلەرنىڭ سىناپ كۆرۈشىچە، دېڭىز دولقۇنىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلۇش كۈچى ھەر كۋادرات مېتىرغا20 −30 توننا، كۈچلۈك بولغاندا ھەتتا60 توننىغا يېتىدۇ. بۇ كۈچ13 توننا تاشنى20 مېتىر ئېگىزگە ئاتالايدۇ،1700 توننا تاشنى ئۆرۈۋېتەلەيدۇ، تېخى10 مىڭ توننىلىق كېمىنى قىرغاققا چىقىرىۋېتەلەيدۇ.1 كۋادرات كىلومېتىر دېڭىز يۈزىدىكى كۆتۈرۈلۈپ پەسىيىۋاتقان دولقۇندا200 مىڭ كىلوۋات ئېنېرگىيە بولىدۇ. دولقۇندىن توك ئالغىلى بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولۇر ئىدى - ھە!
ئالىملار قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىپ، دولقۇندىن توك ھاسىل قىلىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى ئاخىر تاپتى.
دائىم ئىشلىتىلىدىغىنى ھاۋا پورشېنلىق دولقۇندىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسىدۇر. ئۇنىڭدا يۇقىرىسىدا ئىككى پورشېن بۆلۈمى بار. دىئامېتىرى60 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى4 مېتىر بولغان سىلىندىر سۇغا تىك چۈشۈرۈلىدۇ، ئۈستى سۇدىن ئازراق چىقىپ تۇرىدۇ، لەيلىمە بەلگىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ. دولقۇن ئۆرلەپ - پەسىيىپ ھەرىكەت قىلغاندا، پورشېن بۆلۈمىدىكى ھاۋا سىقىلىپ - كېڭىيىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ شامالچىغا ئوخشاپ قالىدۇ. سىقىلغان ھاۋا سۇدىن چىقىپ تۇرغان پۈۋلەش ئېغىزىدىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىپ تۇربىنىغا ئۇرۇلۇپ، ئۇنى ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گېنېراتور ھەرىكەتكە كېلىپ توك ھاسىل قىلىدۇ.
بىر لەيلىمە دولقۇندىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسى ھاسىل قىلغان توك تولىمۇ ئاز بولىدۇ، مۇشۇنداق نۇرغۇن قۇرۇلمىلار قاچىلانغان كېمە ياسالسا، ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان توك كۆپىيىدۇ. ئۇزۇنلۇقى80 مېتىر، كەڭلىكى12 مېتىر، ئېغىرلىقى500 توننا بولغان كېمىگە20 دانە لەيلىمە سىلىندىر قاچىلاپ،3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دولقۇننىڭ دېڭىز يۈزىگە توختىتىپ قويسا،2000 كىلوۋات توك چىقىرالايدۇ.
يەنە بىر خىل تۇراقلىق دولقۇندىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسى بار. ئۇنىڭدا ھاۋا پورشېنى دېڭىز قىرغىقىغا مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تۇرۇبا ئىچىدىكى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش لەيلىمە بەلگىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ، تۇرۇبا ئىچىدىكى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى بىلەن پورشېن بۆلۈمىدىكى ھاۋا سىقىلىش ۋە كېڭىيىش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
نۇرغۇن دۆلەتلەر گاز خالتىسى شەكىللىك دولقۇندىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا گاز قاچىلانغان خالتىلار زەنجىرسىمان ئوق بىلەن تۇتۇشۇپ، دېڭىز بىر قاتار بولۇپ لەيلەپ تۇرىدۇ، كۆرۈنۈشى دېڭىزدا توغرىسىغا تۇرغان يوغان شلانكىغا ئوخشايدۇ، دولقۇن كېلىپ خالتىلارغا ئۇرۇلسا، خالتىلار ئىچىدىكى گاز سىقىلىدۇ، سىقىلغان گاز تۇرۇبىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گېنېراتور قوزغىلىپ توك بېرىدۇ.4000 گاز خالتىسىدىن تۈزۈلگەن بىر دولقۇندىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسى2 مىليون كىلوۋات توك بېرىدۇ.
«سۈنئىي ئاتول» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل دولقۇندىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسى بار، دىئامېتىرى75 مېتىر كېلىدۇ، ياغدا پىشۇرۇلغان ھالقا توقاچقىلا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىلا سۇدىن چىقىپ تۇرىدۇ. دولقۇن ئاتولنىڭ گىرۋەكلىرىگە ئۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىدىكى پۈركۈش ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، تۇربىنىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
ھەربىر كىلومېتىر دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىدىكى دېڭىز دولقۇنىدىن نەچچە ئون مىڭ كىلوۋات توك ئالغىلى بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى بار، ئۇ يەرلەردە ناھايىتى نۇرغۇن يوشۇرۇن ئېنېرگىيە زاپىسى يوشۇرۇنغان.