مارسقا ئۇچۇش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
1969 - يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى گرېنۋىچ ۋاقتى سائەت3 تىن51 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامىستېرام «ئاپوللو11 » نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققاندىن كېيىن، ئىنسانلار يەر شارى بىلەن ئەڭ ئوخشىشىدىغان سەييارە − مارسقا قاراپ ئىلگىرىلىدى.1964
- يىل11 - ئاينىڭ5 - كۈنى، ئامېرىكا «ماتروس4 » نى قويۇپ بەردى، ئۇ ئىنسانلار تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى.1971
- يىل5 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن «ماتروس9 » مارسنى بويلاپ ئۇچىدىغان تۇنجى سۈنئىي ئاسمان جىسمى بولۇپ قالدى.1976
- يىلى «ماتروس» تىنمۇ قالتىس «دېڭىز قاراقچىسى1 »ۋە «دېڭىز قاراقچىسى2 » لەر مارسقا قوندى. ئۇنىڭدىن كەلگەن خەۋەر ئىنسانلارغا نۆۋەتتىكى شارائىتتا مارستا ھەرقانداق ۋاقىتتا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بىراق، مارس ئاتموسفېراسىدىكى سۇ ھورىنىڭ مىقدارى مۆلچەردىكىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. «دېڭىز قاراقچىسى» مارستا ئويلىمىغان يەردىن ئاز مىقداردىكى ئازوتنى بايقىدى، بۇ ھاياتلىق ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئېلېمېنت.
ئىنسانلار مارسقا چىقىشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. يەر شارىدىن ئاي شارىغا بېرىش ئۈچۈن بىرنەچچە كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ، ھالبۇكى، مارسقا بېرىش ئۈچۈنلا200 −300 كۈن كېتىدۇ، بۇنىڭغا قايتىش سەپىرىنى قوشقاندا600 كۈندىن ئاشىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئېغىرلىقنى يوقاتقان ئەھۋالدا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى قانداق قىلىپ ساقلاش خېلىلا مۇھىم. مارس ئالەم كېمىسى ئېلىپ ماڭىدىغان ئۇچقۇچىلار ئۇزاق ۋاقىت ئېھتىياجلىق سۇ، ئوكسىگېن، يېمەكلىك، يېقىلغۇ قاتارلىقلار ھەم ئۇلارغا ئالەم كېمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى قوشۇلۇپ1500 توننىغا يېتىدۇ، مۇشۇنداق ئېغىر ئۇچار كېمىنى يەر يۈزىدە راكېتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرى مەڭگۈلۈك ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇپ، يەر شارىدا ياسالغان مارس ئالەم كېمىسىنىڭ بۆلەكلىرى، دېتاللىرى ۋە يېمەكلىك، يېقىلغۇ قاتارلىقلارنى ئالەم ئايروپىلانى بىلەن بىر - بىرلەپ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئاپىرىپ، مارس ئۇچار كېمىسىنى شۇ يەردە قۇراشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش. يەنە بىر خىل چارە، ئىلاج قىلىپ مارس كېمىسىنى بېكىنمە زېمىنغا ئايلاندۇرۇپ، خۇددى يەر شارىدىكى بىئوسفېراغا ئوخشاش ماددىلار تەبىئىي ئايلىنىدىغان، ئوكسىگېن، سۇ، يېمەكلىك قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بېكىنمە ئېكولوگىك سىستېمىنى بەرپا قىلىپ، مارس كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتى يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىش.
مارس كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىغانلىق ئەمەس. ئەلۋەتتە، كىشىلەر مارس كېمىسىگە ئولتۇرۇپ مارسقا چىقىشتىن ئىلگىرى، يەر شارىغا قايتىپ كېلەلەيدىغان مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ «مارس ئاپتوموبىلى» ۋە «مارس ئايروپىلانى»نى ئېلىپ ماڭىدۇ، بۇ «ياردەمچىلەر» ھەريان مېڭىپ تۈرلۈك ئەۋرىشكىلەرنى يىغىدۇ، ئۇلار يەر شارىغا مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئېلىپ كېلىنىپ تەھلىل قىلىنىدۇ، ئاندىن مارس كېمىسى قويۇپ بېرىلىدۇ.
ھازىر ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لاۋرېنىس، لىۋېرمور دۆلەت تەجرىبىخانىسىدىكى ئۈچ ئالىم «بۈيۈك ئىزدىنىش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭغا10 مىليارد دوللار ۋە سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ،20 - ئەسىر ئىچىدە ئادەم ئېلىپ مارسقا ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلار، ئەگەر زۆرۈر شەرتلەر ھازىرلانسا، تۆۋەندىكى ۋاقىت جەدۋىلىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى:
− ئىككى يىل ئىچىدە تۆۋەن يەر شارى ئوربىتىسىدا خادىملار ئولتۇراقلىشىدىغان بىر ئالەم «ماي قاچىلاش پونكىتى» قۇرۇلىدۇ؛
− تۆتىنچى يىلىدىن بۇرۇن، سۇيۇق ھالەتتىكى سۇدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق يېقىلغۇ (سۇيۇق ئوكسىگېن ياكى سۇيۇق ھىدروگېن) ئىشلەپچىقىرىدىغان ئوربىتا ئېلېكترولىز زاۋۇتى قۇرۇلىدۇ؛
− بەشىنچى يىلى ئاي يېقىلغۇ زاۋۇتىنى ئىچىگە ئالغان ئاي ئوربىتىسى «ماي قاچىلاش پونكىتى» قۇرۇلىدۇ؛
− ئالتىنچى يىلى مارسنى تەكشۈرۈش فرونت بازىسى قۇرۇلىدۇ؛
− يەتتىنچى يىلى مارستا مارسنى تەكشۈرۈش بازىسى قۇرۇلىدۇ؛
گەرچە قىيىنچىلىقلار تەسەۋۋۇردىكىدىن كۆپ بولسىمۇ، «چوڭ تەكشۈرۈش» پىلانىنى يولغا قويۇش تېخى مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما، ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىش نىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.