UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىشامالدىن توك ئېلىش

شامالدىن توك ئېلىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى 2000 يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن يەلكەنلىك كېمە، چاقپەلەكلەر بولغان، بۇلار ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ ئاددىي شامال كۈچىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىلىرىدۇر. ھازىر نۇرغۇن ئەللەر شامالدىن توك ھاسىل قىلىپ، زەرەتلەش، يورۇتۇش، رادىئو ئالاقە ئىشلىرىدا ئىشلىتىدۇ، چاقپەلەككە ئوخشاش شامالدىن توك ئېلىش قۇرۇلمىسى شامال دۋىگاتېلى (ماتورى) دەپ ئاتىلىدۇ. شامال دۋىگاتېلى چاق، باش، قۇيرۇق، ئايلاندۇرغۇچ ۋە جازىدىن تۈزۈلىدۇ، چاق شامالنى توكقا ئايلاندۇرىدىغان ئاساسىي بۆلەك، ئۇنىڭ شەكلى توك شامالدۇرغۇچ ياكى ئايروپىلاننىڭ پىرقىرىغۇچىغا ئوخشاشراق بولۇپ، بىر ياكى بىرنەچچە قاناتتىن تۈزۈلىدۇ، چاقنىڭ دىئامېتىرى قانچە چوڭ بولسا، شامال ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىشى شۇنچە كۆپ، شامال دۋىگاتېلنىڭ قۇۋۋىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شامالدىن توك ھاسىل قىلىشتا ئىككى قىيىن مەسىلە بار: بىرى، شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، چاقنىڭ باشتىن - ئاياغ شامالغا توغرىلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ماشىنا بېشىنىڭ كەينىگە قۇيرۇق ئورنىتىلىدۇ، ئۇ كېمىنىڭ رولىغا ئوخشاش، چاقنىڭ يۆنىلىشىنى شامالغا توغرىلاپ تۇرىدۇ، يەنە بىرى، شامالنىڭ كۈچى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ماشىنىنىڭ مۇقىم توك تارقىتىشى ئۈچۈن، تېزلىكنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك، ئادەتتە ئۇنىڭ تېزلىكى چاقنىڭ شامال ئۇرۇش يۈزىنى ئۆزگەرتىش ۋە قاناتنىڭ ئايلىنىش قارشىلىقىنى تەڭشەش ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مۇنداق توغرا ئوقلۇق شامال دۋىگاتېلدىن باشقا، خىلمۇخىل تىك ئوقلۇق شامال دۋىگاتېللىرىمۇ بار. ئۇلار ھەر خىل قاناتلاردىن تۈزۈلىدۇ، بەزىلىرى ماي باكىغا، بەزىلىرى كۈنلۈككە، يەنە بەزىلىرى پانۇسقا ئوخشايدۇ. ھەممىسى ھەر خىل يۆنىلىشتىكى شاماللارنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇنداق چاقلىق گېنېراتورنى ئورنىتىشقا ئېگىز جازا كەتمەيدۇ، ئۈسكۈنىلىرى ئاددىي، پۈتۈش باھاسى ئەرزان، بىراق، شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، پەقەت كىچىك تىپتىكى شامال دۋىگاتېللىرىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مېتال يەلكەن شەكىللىك يېڭى بىر خىل گېنېراتور بار، ئۇنىڭدا ئالاھىدە ياسالغان تەكشى چاقپەلەكلەرگە نۇرغۇن قاتتىق قاناتلار ئورنىتىلغان، ئۇ بەئەينى يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ، شۇغىنىسى، سۇدا ئۈزمەي، ئېللىپس شەكىللىك يولدا بىر - بىرىگە چېتىلمىغان ۋاگونلاردەك قاتارلىشىپ تۇرىدۇ. قاناتلارنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ، ھەمىشە شامالغا قاراپ تۇرىدۇ، شامال قاناتلارغا ئۇرىدۇ، قاتار تۇرغان چاقپەلەككە ماڭىدۇ، چاق ئايلىنىپ گېنېراتورنى قوزغايدۇ، شۇنىڭ بىلەن توك ھاسىل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
شامالدىن توك ئېلىش | UyghurWiki | UyghurWiki