UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش

ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئەينەك، ساپاللار چۈرۈك بولۇپ، تېگىپلا قويسا سۇنۇپ كېتىدۇ، چىنتاش، ئالماسلار قاتتىق بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەش تەس. لېكىن، بىر ماشىنا باركى، ئەينەككە ھەر خىل تۆشۈكلەرنى تېشەلەيدۇ، ئالماستىن ھەر خىل دېتاللارنى ياسىيالايدۇ، بۇ ماشىنىنىڭ ئېتى ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى. ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى ئۈچ ئاساسىي قىسىمدىن تۈزۈلگەن: بىرىنچى قىسمى ئۇلترا ئاۋاز گېنېراتورى، ئۇ سېكۇنتىغا16000 —25000 قېتىم ئالمىشىدىغان ئۇلترا ئاۋاز ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇ ماشىنىنىڭ ماتورىغا ئوخشايدۇ. ئىككىنچى قىسمى ئۇلترا ئاۋازلىق ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇپ تەۋرىنىش قۇرۇلمىسى، ئۇ ئۇلترا ئاۋاز گېنېراتورى تەمىنلىگەن ئۇلترا ئاۋاز ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئۇلترا ئاۋاز ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇ بىر ترانسفورماتورغا ئوخشايدۇ. بۇ «ترانسفورماتور» نىڭ ئۆزىكى ئالاھىدە بىر خىل ماتېرىيالدىن ياسىلىپ، سىرتىغا كاتۇشكا ئورىلىدۇ. مۇنداق ئۆزەك ماتېرىيالىنىڭ بىر غەلىتە مىجەزى بار، ماگنىتلىق ماتېرىيال بولسا ئۇزىرايدۇ، ماگنىتتىن ئايرىلسا قىسقىرايدۇ. شۇڭا، كاتۇشكىدىن ئۇلترا ئاۋازدىن ئۆزگەرگەن ئېلېكتر ئېقىمى ئۆتكەندە، ئۆزەك ئېلېكترنى ماگنىتقا ئايلاندۇرىدۇ، ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە، ئۆزەك ئۇزىراپ - قىسقىراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چېتىلغان قىرىش سايمىنىمۇ خۇددى ئېكەك ۋە ھەرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاش مۇناسىپ تەۋرىنىدۇ. بۇ تەۋرىنىش سېكۇنتىغا16000 −25000 قېتىمغا يېتىدۇ. ئۈچىنچى قىسمى ماشىنىنىڭ گەۋدىسى. ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان دېتالنى ئۇلترا ئاۋازلىق دولقۇن ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق بىلەيگە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە بىلەينىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان دېتالنى ئۈزلۈكسىز بىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تىترەش قېتىمى كۆپ، ئېنېرگىيىسى چوڭ، بىلەي دانچىلىرى بەك ئۇششاق بولغانلىقتىن، ئويما بۇيۇملارنى زىل ئىكەكتە ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئويۇپ چىقارغانغا ئوخشاش قاتتىق ۋە چۈرۈك دېتاللارنى ھەم توغرا، ھەم ئىنتايىن سىلىق پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش تاشچى ئۇستىنىڭ تاشنى ئويغىنىدەك بولۇپ، تىترەۋاتقان قىرىش سايمىنى بولقىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، بىلەي ماتېرىياللىرىنىڭ رولى ئىسكىنىگە ئوخشايدۇ. بىلەي ماتېرىياللىرى بەك ئۇششاق بولۇپ، ھەر قېتىم ئۇۋىتىپ چىقارغان دانچىلىرى غايەت كىچىك بولسىمۇ، تىترەش چاستوتىسى تولىمۇ يۇقىرى بولغانلىقتىن، يەنىلا ناھايىتى تېز پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئوپتىك ئەينەككە دىئامېتىرى8 .0 مىللىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى30 مىللىمېتىر بىر تۆشۈك تېشىش ئۈچۈن1 مىنۇت ئەتراپىدا، ئوپتىك ئەينەككە دىئامېتىرى18 مىللىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى70 مىللىمېتىر يۇمىلاق ئوقۇر ئويۇش ئۈچۈن6 —7 مىنۇت ۋاقىت يېتىدۇ. ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسىنىڭ قابىلىيىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ تەشكەن تۆشۈكنىڭ كىچىكلىرىنىڭ دىئامېتىرى1 .0 مىللىمېتىر كېلىدۇ، چوڭلىرىنىڭ60 —70 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ؛ ئۇ يەنە ماتېرىياللارنى قاپلىيالايدۇ، كېسەلەيدۇ، ئويالايدۇ. ئۇ ئەينەك، ساپال، كۋارتس، ماگنىتلىق ماتېرىياللار،يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر، گۆھەر، قاشتاشلىرىنىلا ئەمەس، داتلاشماس پولات، قېتىشما پولاتلارنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئۇلترا ئاۋازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش | UyghurWiki | UyghurWiki