مېتال ئەينەك
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئازراق نىئوبىي ئارىلاشتۇرۇلغان4 مىللىمېتىر توملۇقتىكى بىر تال مىس قېتىشما سىم ئۈچ توننا ماشىنىنى كۆتۈرەلەيدۇ، ئەڭ ياخشى پولات سىممۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىر خىل تۆمۈر رادىكاللىق قېتىشما (تەركىبىدە ئازراق نىكېل، خروم، فوسفور بار) نى داتلاشماس پولات بىلەن بىللە كۈچلۈك كىسلاتاغا چىلاپ قويسا، داتلاشماس پولات چىرىپ »ئۆتمىتۆشۈك« بولۇپ كەتسىمۇ، ئاۋۇ قېتىشما ھېچنېمە بولمايدۇ. تۆمۈر - بور - كاربون قېتىشمىلىق يۇمشاق ماگنىت ماتېرىيالىدىن سىلىتسىي - پولات قېتىشمىسى ئورنىدا توك مەنبەسى ترانسفورماتورى ياسالسا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماي، توك سەرپىياتى سىلىتسىي - پولات توك سەرپىياتىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. نامى ئاتالغان بۇ مېتاللارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئەينەك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت، ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ماتېرىياللار بولسا، مېتال ئەينەك دەپ ئاتىلىدۇ.
مېتالنى قانداق قىلىپ مېتال ئەينەككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
مېتاللار يۇقىرى ھارارەتتە ئېرىتمە ھالەتتە بولىدۇ، ئۇ ئاستا - ئاستا سوۋۇسا، قاتتىق مېتالغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۇ مېتال (ياكى قېتىشما) سۇيۇقلۇقىنى پۈركىگۈچ بىلەن يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان سىملىق پولات ئوققا پۈۋلەپ تېز سوۋۇتسا، مېتال ئەينەككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىراق، سوۋۇش تېزلىكى سېكۇنتىغا مىليون سىلىتسىيە گرادۇسقا يەتكەندىلا مۇشۇنداق ئەينەك قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
مېتال ئەينەكتە ھەم مېتال ۋە ئەينەكنىڭ خۇسۇسىيىتى بولىدۇ، ھەم ئۇلار ھەرقايسىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى بولمايدۇ. ئەينەك ناھايىتى چۈرۈك، مېتال ئەينەك بولسا ئەۋرىشىم ۋە قاتتىق، ئۇنى قاڭالتىرغا ئوخشاش ئېگىپ شەكىلگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەينەكنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئەسلىدە ناھايىتى تۆۋەن، مېتال ئەينەك بولسا پولاتتىنمۇ چىڭ.
مېتال ماتېرىياللارنىڭ قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ناھايىتى رەتلىك بولىدۇ، ماتېرىيالدا كەمتۈكلۈك كۆرۈلسىلا، ئوڭاي ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى كۇبىكلاردىن ياسالغان مۇنارغا ئوخشاش، ئۇنىڭدىن بىر كۇبىك چىقىرىۋېتىلسىلا مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، مېتال ئەينەك بولسا تېز سوۋۇتۇلغاچقا، ئىچكى قۇرۇلمىسى رەتلىنىشكە ئۈلگۈرەلمەي، ئومۇمىي جەھەتتىن رەتسىز بولىدۇ، قىسمەن جەھەتتىن يەنە رەتلىك بولىدۇ، بۇ خۇددى تاشتىن قوپۇرۇلغان پەشتاققا ئوخشايدۇ، تاشتىن بىر - ئىككىسى ئېلىۋېتىلسىمۇ پەشتاق گۈمۈرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تۆمۈر - بور - كاربون مېتال ئەينەكنىڭ يېرىلىش كۈچلۈكلۈكى پولاتتىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛ چىرىتىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك كىسلاتادىمۇ دېگەندەك چىرىمەيدۇ.