UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسى«تاش» تىن رەخت توقۇش

«تاش» تىن رەخت توقۇش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كۆركەم، يۇمشاق ۋينىلوننىڭ خام ئەشياسى پاختا ئەمەس، يۇڭمۇ ئەمەس، بەلكى «تاش». «ۋينىلۇن» دېگەن بۇ ئات ياپونىيىنىڭ سودا نامىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسىي خام ئەشياسى ئاتسېتىلېن. ھاك تېشى توك ئوچاقتا كالتسىي كاربىدقا ئايلاندۇرۇلىدۇ. كالتسىي كاربىد بىلەن سۇنىڭ تەسىرلىشىشىدىن ئاتسېتىلېن پەيدا بولىدۇ. ۋينىلۇن ئاتسېتىلېندىن مۇرەككەپ خىمىيىۋى «بىرىكتۈرۈش» ئارقىلىق يۇقىرى مولېكۇلىلىق ئورگانىك پولىمېر ھاسىل قىلىنىدۇ، ئاندىن ئېگىرىش ئۈسكۈنىلىرىدە ھەر خىل تالالار ئېگىرىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ «بىرىكمە تالا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋينىلۇن ئاق رەڭلىك تالا، ئۇ پاختىغا ئوخشاش، كىشىگە يۇمشاقلىق ۋە ئىسسىقلىق ھۇزۇرى بېرىدۇ. چىدامچانلىقى پاختىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە، قوي يۇڭىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى يېنىك، چىڭ ۋە ئېلاستىك بولۇپ، كىسلاتادىن، چىرىشتىن قورقمايدۇ، كۈيە چۈشمەيدۇ، ئۈستى سىلىق، كىرىنى ئوڭاي يۇيۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇ ھەربىي ئىشلاردا ئايروپىلاننىڭ ماي باكىغا، پىرقىرغۇچىغا ئىشلىتىلىدۇ، ۋىنلۇن ئاپتاپتىنمۇ قورقمايدۇ. بەزىلەر ئۇنى℃ 150 تا500 سائەت قىزدۇرغان، 100℃ تا100 سائەت پارلاندۇرغان بولسىمۇ ھېچنېمە بولمىغان. بىرىكمە تالانىڭ تۈرى كۆپ، ۋينىلۇندىن باشقا، يەنە پولىئامىد تالاسى (جىنلۇن)، نىلۇن، تېرېلىن (دىلۇن)، نىترىلون (جىڭلۇن) ۋە پولىۋىنىل خلورىد تالاسى (لۇلۇن) قاتارلىقلار بار. بۇ تالالارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: چىڭ، سۇ سۈمۈرۈشى ۋە ئىسسىقلىققا بەرداشلىق بېرىشى ناچار، يەنە ھەرقايسىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ بار: پولىئامىد تالاسى (جىنلۇن) بىلەن نىلۇن تالالىرى سۈركىلىشكە چىداملىقلىقى ئالاھىدە ياخشى، پاختا تالاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى؛ تېرىلېن (دىلۇن) تالالىرىنىڭ ئەۋرىشملىكى ئەڭ ياخشى؛ نىترىلون (جىڭلۇن) تالالىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى قوي يۇڭىغا يېقىنلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاپتاپقا چىداملىقلىقى ئەڭ ياخشى؛ پولىۋىنىل خلورىد تالاسى (لۇلۇن) نىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش خۇسۇسىيىتى ياخشىراق.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
«تاش» تىن رەخت توقۇش | UyghurWiki | UyghurWiki