UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىماي ئىشلەپچىقىرىدىغان دەرەخ

ماي ئىشلەپچىقىرىدىغان دەرەخ

پەن - تېخنىكا دۇنياسى 1928 - يىلىدىن1932 - يىلىغىچە ئامېرىكا ئالىمى ئېدىسون كاۋچوك دەرىخىنى تەتقىق قىلىۋېتىپ، نۇرغۇن «نېفىت دەرەخ» لەرنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ قوۋزىقى، غولى، يىلتىزى ھەتتا مېۋىلىرىدىن يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدىغان سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئادەتتە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئارقىلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىلا ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېنلاردىن تۈزۈلىدۇ، بىراق، «نېفىت دەرەخ»لەر فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق نۇرغۇن يېلىمسىمان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلار نېفىتكە بەكمۇ ئوخشايدۇ. نېفىت ئورنىدا يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدۇ، كىشىلەر كاۋچوك دەرىخىدىن رېزىنكە ئالغاندەك، «نېفىت دەرەخ» تىن «نېفىت» ئالسا بولىدۇ، «نېفىت دەرەخ» بولسا يەنىلا ئۆسۈۋېرىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالىم كالۋىن دوكتور برازىلىيىدە بىر خىل «نېفىت دەرەخ» تاپتى، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «كۇپىبا» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ياغاچ غوللۇق دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى30 مېتىر، يوغانلىقى1 مېتىر كېلىدىكەن. بۇ دەرەخنىڭ غولىدىن دىئامېتىرى5 سانتىمېتىر تۆشۈك ئېچىپ قويسا،2 −3 سائەتتە10 −20 لىتىر ياغسىمان سېرىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدىكەن، تەركىبى دىزېل مېيىغا تولىمۇ يېقىنلىشىدىكەن. كېيىنچىرەك ئامېرىكا، ياپونىيىلەر بۇ «نېفىت دەرىخى» نى كىرگۈزدى، ئۇ چىقارغان دىزېل مېيىنى دىزېل مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللاردا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مۇھىتنى بۇلغىشىمۇ يوق دېيەرلىك. برازىلىيىدىن700 خىلدىن ئارتۇق پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك تېپىلدى. ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، دىزېل مېيىدىن ئاۋىئاتسىيە بېنزىنىغىچە ھەر خىل يېقىلغۇلارنى ئالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو، تايلاند، ئاۋسترالىيىلەرمۇ بەزى «نېفىت دەرەخ» لەرنى تاپتى. ئېلىمىزنىڭ خەينەن ئارىلىدىكى جيەنفىڭلىڭ، دياۋلوشەن قاتارلىق ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدىن مايلىق ماخىل دەرىخى دەپ ئاتىلىدىغان ئېگىز ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك بار، ئۇ «كۇپىبا» غا بەك ئوخشايدۇ، ئۇمۇ «دىزېل مېيى» چىقىرىدۇ. ھەر تۈپىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى10 −25 كىلوگرامغا يېتىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا50 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى