ھاجەتخانىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھاجەتخانىلارمۇ نوقۇل «مەينەتچىلىكنى چىقىرىدىغان» جاي بولۇپ قالمايدۇ.1988 - يىلى، ئون دۆلەت ۋە رايوندىكى200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىگە يىغىلىپ، «ھاجەتخانا خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچتى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئاممىۋى ھاجەتخانا ھەربىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇ بىر دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىدى.
تەرەققىي قىلغان بەزى ئەللەرنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.
ياپونىيىدە «ئارامبەخش ھاجەتخانا» لار بار، بۇ خىل ھاجەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، بەزىلىرى قورغانغا تەقلىد قىلىنغان، بەزىلىرى بەئەينى ئەنئەنىۋى ياپونىيە چايخانىلىرىغا، بەزىلىرى كىچىك قاۋاقخانىلارغا ئوخشايدۇ. نۇرغۇن ھاجەتخانىلارغا يەنە گۈزەل تام رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ياكى مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھاجەتخانا ئىچىنى زىننەتلەشكىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئىچىدە گىرىم ئەينىكى، فارفور، تام قەغىزى، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى، ئاپتوماتىك ئاياغ سۈرتۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بولغاچقا، ئادەمگە بىخەتەر، ئازادە، ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
ياۋروپادا «مۇزىكىلىق ھاجەتخانا» لار بار، بۇ خىل ھاجەتخانىنى ئىشلەتكەندە، تەڭگە تاشلىسىلا، ئىشىك ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، ئادەم كىرگەن ھامان ئىشىك ئاپتوماتىك يېپىلىدۇ، ئارقىدىنلا يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھاجەتخانا ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەر تولۇق، پاكىز، ئازادە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مۇزىكا تۈگىگەندىن كېيىن ئىشىك ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.
ئامېرىكىدا «تولۇق ئىقتىدارلىق ھاجەتخانا» لار بار، ھاجەتخانا ئىچىگە تەرەت قەغىزىدىن باشقا، يەنە تەرەت تۇڭىنىڭ چۆرىسىگە قويىدىغان مەخسۇس قەغەز بار، قول يۇيىدىغان جايدا يەنە سۇيۇق سوپۇن، ئىسسىق - سوغۇق سۇ، قول قۇرۇتۇش ماشىنىسى، قول سۈرتۈش قەغىزى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار، مېيىپلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئازادە ئايرىمخانا ۋە مەخسۇس تەرەت ئورنى لايىھىلەنگەن بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ كىرىش - چىقىشىغا قۇلايلىق. بەزىلىرىگە يەنە ئاتا - ئانىلارنىڭ بوۋاقنىڭ زاكىسىنى يەڭگۈشلىشىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، كىچىك كارىۋاتمۇ قويۇلغان.
ھاجەتخانىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى يەنە يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ تەتبىقلىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ، ياپونىيىنىڭ دوڭتاۋ شىركىتى «سىمسىز يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئىلمان سۇدا تازىلىنىدىغان تەرەت قاچىسى» نى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، تەرەت قاچىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە پۈركۈگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۇنۇپكىنى باسسىلا، پۈركۈگۈچ ئاپتوماتىك كۆتۈرۈلۈپ، ئىلمان سۇنى پۈركۈيدۇ ھەم مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىپ ۋە تەۋىنىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن مەقئەتنى پاك - پاكىز يۇيىدۇ، ئاندىن ئىسسىق شامال پۈركۈپ قۇرۇتىدۇ. بىر خىل «ساغلاملىق تەرەت قاچىسى» بولۇپ، بۇ خىل تەرەت قاچىسىغا كىچىك تەرەت ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ سۈيدۈكتىكى شېكەر، ئاقسىل، قان ھۈجەيرىسى قاتارلىق تەركىبلەرنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىدۇ، نورمالسىزلىققا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈلسە، سىگنال بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەت قاچىسىنىڭ چېتىگە قان بېسىمى، يۈرەك سوقۇشىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ساغلاملىق مەسلىھەتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى پۇتنى يەردىن كۆتۈرسە، تەرەت قاچىسى ھەش - پەش دېگۈچە ئىشلەتكۈچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى خاتىرىلەپ چىقىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار كارتىغا ئۇرۇلۇپ، لىنىيە ئارقىلىق ساغلاملىق ئاخبارات مەركىزىگە يوللىنىدۇ.