UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيالغۇز كىشىلىك ئۇچۇش سۇپىسى

يالغۇز كىشىلىك ئۇچۇش سۇپىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بۇ خىل ئۇچۇش سۇپىسى «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكى ئۇچار گىلەمگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.1984 - يىلنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بازىسىنىڭ بوشلۇقىدا ئاجايىپ بىر ئۇچقۇ پەرۋاز قىلدى، ئۇنىڭ قانىتى يوق بولۇپ، يۇمىلاق گەۋدىسىدىلا بار ئىدى، ئۇ، ئادەمنى ئېلىپ، ئاپتوموبىلغا ئوخشاش سۈرئەت بىلەن ئۇدا ئۇچالايدۇ، بۇ خىل يالغۇز ئۇچۇش سۇپىسىنى بەزىلەر «راكېتا ئادەم» دەپ ئاتىدى. يالغۇز كىشىلىك ئۇچۇش سۇپىسىغا مىكرو تۇربىنا پروبېللېرلىق ماتور ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ خىل پروبېللېرلىق ماتورنىڭ ئۇزۇنلۇقى60 نەچچە سانتىمېتىرلا كېلىدۇ، ئۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرگە ئىشلىتىلىدىغان تۇربىنىلىق ماتورلارغا ئوخشاش مۇقىم ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلالايدۇ. ئادەم سۇپا ئىچىدە تۇرغاندا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەنگە ئوخشاش، ئوڭ تەرىپىدىكى ماي دەستىسى ئارقىلىق، ئۇچۇش ئېگىزلىكى ۋە سۈرئىتىنى تەڭشەيدۇ، سول تەرىپىدىكى ھەيدەش دەستىسى ئارقىلىق يۆنىلىشنى كونترول قىلىپ، سۇپىنىڭ ئوڭ ياكى سولغا بۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدۇ. سۇپىنى قىيسايتماقچى بولسا، ئادەم تۇرغان ئورنىنى يۆتكەپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى ئۆزگەرتسىلا بولىدۇ. ئۇچۇش سۇپىسىغا يەنە بىرنەچچە پارچە مۇقىم تەڭشەش قانىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، راكېتا قانىتىغا ئوخشاش، سۇپىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. سۇپىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئايرىم بۆلۈمدە بىر پاراشۇت بولۇپ، جىددىي پەيتكە دۇچ كەلگەندە، ساليوت ئوقىدەك ئېتىلىپ چىقىپ ئېچىلىدۇ. يالغۇز كىشىلىك ئۇچۇش سۇپىسى «پارس ئۇچار گىلىمى» گە ئوخشاش20 مېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقتا پەرۋاز قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئايروپىلانلارنىڭكىدەك قانىتى، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭكىدەك روتورى (پىرقىرىما قانىتى) يوق، كۆرۈنۈشى ئاددىي، قۇرۇلمىسى ئەپچىل بولۇپ، دەل - دەرەخلەر ئارىسىدا ياكى دەل - دەرەخلەر ئاستىدا ئۇچالايدۇ؛ ئۇ ئۆي - ئىمارەتلەرگە ۋە قىيالارغا يېقىنلىشالايدۇ، ئادەتتىكى ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان ياكى باشقا ئۇچقۇلار يېقىن بارالمايدىغان جايلارغا بارالايدۇ. كىشىلەر بۇ خىل ئۇچقۇغا ئولتۇرۇپ، «سۇ بويىدا» رومانىدىكى يەل تاپان شەيخ دەي زۇڭغا ئوخشاش كۈنىگە1000 چاقىرىملاپ يول باسالايدۇ؛ شۇنداقلا «تەڭرى ئەسكەرلىرى» نىڭ ئەرشتىن چۈشكىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھازىر ئالىملار ئۇنى رازۋېدكا قىلىش، يالغۇز كىشىلىك توساتتىن زەربە بېرىش قاتارلىق ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ؛ كەلگۈسىدە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىپ، قۇتقۇزۇش، ساياھەت قىلىش ۋە يالغۇز پايدىلىنىشتىكى ئۆزگىچە قاتناش قورالىغا ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
يالغۇز كىشىلىك ئۇچۇش سۇپىسى | UyghurWiki | UyghurWiki