UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىھاشارات يېمەكلىك

ھاشارات يېمەكلىك

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ھاشاراتلار ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە، ئۇلاردىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى، ئادەتتە% 30−%72 بولىدۇ، تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بەلگىلىگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. چۈمۈلىنى مىسالغا ئالساق، كالا گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل (%5.21) چۈمۈلە (%4.20) نىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەندىن باشقا، توخۇ (%0.20)، بېلىق (%9.18)، چوشقا گۆشى (%5.18) ۋە تۇخۇم (%4.6) لارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. ۋېتامىن1 B،2 B نىڭ مىقدارى جەھەتتە، چۈمۈلە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايىدا ئوخشاش بولمىغان ھاشاراتلار ياشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئادەتتىكى بىر جۈپ چىۋىن يىلىغا550 مىليون دانە تۇخۇم چىقىرىدۇ؛ مىسىر چېكەتكىسى ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن195 مىڭ دانە تۇخۇم چىقىرىدۇ، بىر دانە چۈمۈلە پادىشاھى كۈنىگە340 دانە تۇخۇم چىقىرىدۇ. مەڭگۈ تۈگىمەس ھاشارات ئەۋلادلىرى ئىنسانلارنى مول يېمەكلىك مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھاشارات يېمەكلىك بۈگۈنلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ئېلىمىزدە ئەزەلدىنلا «شىماللىقلار چېكەتكە، جەنۇبلۇقلار تومۇزغا» يەيدىغان ئادەت بار. چۈمۈلە شىرنىسى، مايدا پىشۇرۇلغان تومۇزغا، قورۇلغان ھەرە قاتارلىقلار پادىشاھلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭدۇڭلۇقلار ھاشاراتنى كۆپ يەيدۇ، بىرقەدەر مەشھۇرراقلىرىدىن مايدا پىشۇرۇلغان كەتمەنقوڭغۇز، تۇز بىلەن قورۇلغان پارقىراق مايقوڭغۇز لىچىنكىسى، تۇخۇم بىلەن قورۇلغان سېرىق ھەرە لىنچىنكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان چېكەتكە، مايدا پىشۇرۇلغان موزايۋېشى قاتارلىقلار بار. گۇاڭشىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى كىشىلەر چۈمۈلە تۇخۇمىنى ئۈگرىگە تېتىق قىلىدۇ، خام سەي ئېتىدۇ. خاربىندا پىلە قۇرتى قورچىقى يېمەكلىكى4 −5 خىلغا يېتىدۇ. ھەرقايسى ئەللەردە ئىستېمال قىلىنىدىغان ھاشاراتلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، موزامبېك، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇلتۇز قۇرتنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خىل قۇرت بىر خىل چوڭ ياۋا پىلە قۇرتى پەرۋانىسىنىڭ لىنچىكىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى10 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇنى مايدا پىشۇرۇشقا، سۈرلەپ پىشۇرۇشقا، دۈملەپ پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، قۇرت قېقى ياساشقىمۇ بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چوڭلار كۈنىگە20 تال قۇرت يېسە، ئادەم بەدىنىنىڭ بىر كۈندىكى كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋېتامىن2 B گە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتىكى چوڭ رېستورانلاردا «ئۇچار چىلمس» دەپ ئاتىلىدىغان داڭلىق قورۇما بار بولۇپ، ئۇ چېكەتكىنى مايدا پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. فرانسىيىدىكى بىر شىركەت مېكسىكىدا ھاشارات كونسېرۋاسى زاۋۇتى قۇرۇپ، مەخسۇس چۈمۈلە تۇخۇمى، ھەرە لىچىنكىسى، لۇڭشېتۇ قاتارلىق ھاشاراتلارنى سېتىۋېلىپ، كونسېرۋا تەييارلاپ، فرانسىيىگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۈستىگە بىر قۇر شاكىلات سۈرتسىلا، نەچچە ھەسسە باھا قوشۇلىدىكەن. يەر شارىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئىنسانلارنىڭ12 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ھازىر مەلۇم بولغان ھاشاراتلار1 مىليون خىلدىن ئاشىدۇ، ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغانلىرى500 خىلدىن ئاشىدۇ، مەسىلەن، چۈمۈلە، تومۇزغا، چېكەتكە، ياچىۋەك، كېپىنەك قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ئونىدىن توققۇزى زىيانداش ھاشارات. ھاشاراتلار كۆپىيىشى تېز، بېقىلىش تەننەرخى تۆۋەن، سۈنئىي تىزگىنلىنىشى ئوڭاي، زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا باب بولغاچقا، ھاشارات يېمەكلىكنىڭ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بار، ئىنسانلارنىڭ بۇ پۈتمەس - تۈگىمەس، يېمەكلىك يېڭى بايلىقى كىشىلەرنىڭ ئېچىشىنى كۈتمەكتە.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ھاشارات يېمەكلىك | UyghurWiki | UyghurWiki