كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلان
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كەلگۈسىدىكى ئايروپىلانلار، «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكىگە ئوخشاش، «كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ» دېسىلا، ئىشىكى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ. ليۇتچىك »كۆتۈرۈلەيلى، سولغا ...« دېسە، ئايروپىلان بۇيرۇق بويىچە كۆتۈرۈلىدۇ ۋە ئۇچىدۇ. بۇ خىل ئايروپىلان سۆز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلان دەپ ئاتىلىدۇ.
سۆز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلاننىڭ مۇنداق ئىككى ئاساسىي بۆلىكى بار، بىرى، ئادەمنىڭ سۆزىنى «چۈشىنەلەيدىغان» قۇرۇلما بولۇپ، ئادەمنىڭ تىلىنى ئايروپىلان «چۈشىنەلەيدىغان» سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ تىلنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان كومپيۇتېر بولۇپ، ئۇ ئالدىن تۈزۈلگەن ئۇچۇش پروگراممىسىغا ئاساسەن، پىلان بويىچە ئۇچىدۇ ھەم تىلنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان ئۇچقۇچىنىڭ كوماندىسى بويىچە ئۇچىدۇ ياكى قونىدۇ.
تىل پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى − ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىدىغان سىستېمىنىڭ بىر قىسمى. ئۇچقۇچى كوماندىنى تىل پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىغا كىرگۈزسىلا، سىستېما بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلىقىدا كوماندىدىكى ھەربىر سۆز ئىنتوناتسىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ، مۇناسىپ «ئاۋاز سىزىقى» سۈرىتىگە ئېرىشىدۇ، بۇ ئاۋاز تىپى سۈرىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كوماندىدىكى ئاۋاز تىپى ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالدىن ساقلانغان ئۆلچەملىك ئاۋاز تىپى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئاۋاز تىپىنىڭ «ئالاھىدىلىكى» ئوخشاش بولسا، كومپيۇتېر مۇناسىپ بۇيرۇق چىقىرىپ، ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنىڭ خىزمىتىنى كونترول قىلىدۇ.
ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان كومپيۇتېر بولسا ئۇچقۇچىنىڭ كوماندىسى ۋە ئۇچۇش شارائىتى بويىچە ئەڭ ياخشى شارائىتنى تاللايدۇ. بارلىق ھېسابلاشلار، جۈملىدىن ماينى تەڭشەش، يۆنىلىش ۋە قونۇش بۇيرۇقى كومپيۇتېردا ئىشلىنىدۇ. كومپيۇتېر ھەربىر ھەرىكەت تاماملانغاندىن كېيىن، بۇيرۇقنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى ھەم ئۇچۇش جەريانىدا ماتورنىڭ ماي سەرپىياتى، ئالدى تەرەپتە كۆرۈلگەن ناچار ھاۋا رايى ياكى يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئايروپىلاننىڭ ناچار ھاۋا رايىغا يولۇقىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇچقۇچىغا دوكلات قىلىدۇ.
ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر ئايروپىلاننى سۆز بىلەن كونترول قىلىش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. چەت ئەللەردە تەجرىبە بىلەن ئىشلىنىۋاتقان سىستېما بارلىققا كەلدى، ئۇ تۆت دۆلەتنىڭ تىلىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، بەزىلىرى1000 چە سۆزلۈكنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇچقۇچىنىڭكىدىن باشقا ئاۋازلارنىڭ كاشىلا قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە «دىنامىكىلىق پروگرامما تېخنىكىسى» ئىشلىتىلدى. مەسىلەن، فرانسىيىنىڭ «سايە2000 » ئايروپىلانى200 تاق سۆزنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئىشلىتىلگەن ئىلغار كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ۋە «دىنامىكىلىق پروگرامما» تېخنىكىسى سىستېمىنىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنى%95 تىن ئاشۇرىدۇ.