ئەخلەت »يەيدىغان« زاۋۇت
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئىتالىيىدىكى رىم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئەخلەت «يەيدىغان» بىر زاۋۇت بار، ئۇ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى زىممىسىگە ئالغان، ئۇ غايەت زور ماگنىتى بىلەن مېتاللارنى ئىلغاپ، ھەر خىل مېتال ماتېرىيال قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ؛ شامالچىسى بىلەن قەغەز ۋە سۇلياۋلارنى ئۇچۇرۇپ، قەغەز بوتقىسى ياسايدۇ ۋە قايتا سۇلياۋ ئىشلەيدۇ، شاپاق قاتارلىق ئورگانىك ماددىلاردىن ئوغۇت ۋە يەم - خەشەك ياسايدۇ؛ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان ئەخلەتلەرنى يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدۇ.
ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئەخلەت تەركبىدە %30 كۆيىدىغان ماددىلار بار ئىكەن، بۇلار ياغاچ، ھەرە كېپىكى، ئەۋرەز لاتقىسى، چىقىرىندى ماي قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار بولۇپ، ھەممىسىدىن قايتا پايدىلانغىلى بولىدىكەن.
ئەخلەت ئازگالدا چىرىتىلسە، پاتقاق گازى قاتارلىق كۆيىدىغان گازلار ھاسىل بولىدۇ، ئۇلارنى تۇرۇبا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ، يانىدىغان ئەخلەتلەرنى چىرىتىپ، پارچىلاپ، كاللەكلەپ، قاتتىق يېقىلغۇغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۇلار چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق ياغاچلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.24 مىليون توننا ئەخلەتتىن13 مىليون توننا «ئەخلەت يېقىلغۇ كاللىكى» ياسىغىلى بولىدۇ. ئۇ5 مىليون توننا نېفىتنىڭ ئورنىنى باسىدۇ؛ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلغىلىمۇ بولىدۇ.
ئەخلەتتىن توك ئېلىشتا، بىئو ئەخلەت، كېرەكسىز ياغاچ قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ئالاھىدە ياسالغان «ئەخلەت پار قازىنى» غا يوللىنىپ، پار قازاندىكى سۇ قىزىتىلىدۇ، ئاندىن پار قازاندا ھاسىل بولغان پار ئارقىلىق تۇربىنلىق گېنېراتور ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ توك ھاسىل قىلىنىدۇ. ئېلىمىز1993 - يىلى شېنجىندا تۇنجى ئەخلەت ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇردى، ئۇ يىلىغا3 مىليون50 مىڭ كىلوۋات / سائەت توك بېرىدۇ.
ئېلىمىز ۋۇشى ۋە شېنياڭ قاتارلىق جايلاردا مۇشۇنداق «ئەخلەت يەيدىغان» زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئەخلەتنى قىممەتلىك ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە تاۋارغا ئايلاندۇردى.