UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسانائەت ماشىنا ئادەملىرى

سانائەت ماشىنا ئادەملىرى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار ئاق ئىش كىيىمى كىيىدۇ، ئۇلار «ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» دېيىلىدۇ؛ جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغان ئىشچىلار كۆك ئىش كىيىمى كىيىدۇ، ئۇلار «كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» دېيىلىدۇ؛ ھازىر پولات دۇبۇلغا، تۆمۈر ساۋۇت كىيىدىغان ماشىنا ئادەملەر پەيدا بولدى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇلارغا «پولات ياقىلىق ئىشچىلار» دەپ ئات قويدى. «پولات ياقىلىق ئىشچىلار» ئىشچىلارنىڭ ئورنىدا ئەمگەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ «كۆزى»، «قۇلىقى»، «سېزىش ئەزالىرى» ۋە «مېڭىسى» بار، سېزىمى ۋە پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى بار، يەنە ئاددىي ئاڭلاش سېزىمى ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتى بار. ماشىنا ئادەمنىڭ كۆزى تېلېكامىرا ۋە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېمېتىر (ئارىلىق ئۆلچىگۈچ) دۇر، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ نۇر سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ، نىشاننى پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ قۇلىقى گەپ ئاڭلايدىغان مىكرافون ۋە رادىئو قوبۇللىغۇچتۇر. ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئاۋاز سىگنالىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاغزى رادىئو كانىيىدۇر، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ ۋە گەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇرنى گاز ئانالىز تورى (گاز تەھلىل قىلىش ئەسۋابى) دۇر. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گازلارنى پۇرايدۇ. ئۇنىڭ مېڭىسى بىر مىكرو كومپيۇتېردۇر. ئۇنىڭدا ئالدىن تەھرىرلەنگەن پروگرامما ۋە ماتېرىياللارنى ساقلايدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ قولى ۋە پۇتى ئاپتوماتىك يۆتكىلىش قۇرۇلمىسى بولۇپ، سېنزور، پۇرژىنا قاتارلىق قۇرۇلمىلار ئارقىلىق بېسىمنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ماشىنا ئادەمگە جىسىم ۋە كۈچنى ھېس قىلدۇرۇپ، «چوڭ مېڭىسى» ئارقىلىق تېگىشلىك ھەرىكەت ۋە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. سانائەت ماشىنا ئادىمىگە قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ جىسىملارنى تۇتالايدىغان ۋە ئۇنى باشقا ماشىنىغا چاتالايدىغان بولۇش، شۇڭا كىشىلەر ماشىنا ئادەم شۇغۇللىنىدىغان ئىش تۈرىگە قاراپ، ئۇنىڭغا پۇت - قول بېكىتىپ، ئۇنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىيالايدىغان قىلىدۇ. سانائەت ماشىنا ئادىمى «ئىشلەپچىقىرىش ماھىرى» دۇر. سىر پۈركۈش ماشىنا ئادىمىنىڭ قالتىس كارامىتى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئون نەچچە پۈركۈش مىلتىقىنى باشقۇرۇپ، ئاستى - ئۈستى، ئوڭ - سولغا تەڭلا سىر پۈركىيەلەيدۇ؛ ئېغىر - ئېغىر نەرسىلەرنى ھېچ كۈچىمەيلا دەس كۆتۈرۈپ، ئورنىغا1 —2 مىللىمېتىرغا يەتمەيدىغان پەرق بىلەن قويالايدۇ. ئۇلار دېتاللارنى تېز ۋە توغرا پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، كەپشەرلەش، ئوراش، قۇيۇش، قۇراشتۇرۇش، ئوتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى ناھايىتى پۇختا قىلىدۇ. پولات ياقىلىق ئىشچىلار قاتتىق ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن، شاۋقۇن ۋە سىلكىنىشتىن، ئىس - تۈتەك ۋە زەھەرلىك گازدىن قورقمايدۇ. ئۇلار بارغانسېرى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى زىممىسىگە ئالغۇسى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
سانائەت ماشىنا ئادەملىرى | UyghurWiki | UyghurWiki