UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئەپلىك قازان - قومۇچلار

ئەپلىك قازان - قومۇچلار

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كەلگۈسىدىكى قازان - قومۇچلارنى ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ، ئۇلار ئەپچىل، ئىشلىتىشكە قۇلاي بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەر ئېنېرگىيە مەنبەسى تاپالماسلىقتىن غەم قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، ئاغزى يېپىلغان ئىستاكاننىڭ ئۆزى كىچىك تىپتىكى قىزىتقۇچ بولىدۇ. ئىستاكاننىڭ سىرتىدىكى تارتقۇچنى تارتسىلا، ئىچىدىكى قەھۋە، توخۇ شورپىسى قاتارلىقلار دەرھال قىزىيدۇ، كىشىلەر ئىستاكاندىكى ئىسسىق قەھۋە، شورپىنى بىۋاسىتە ئىچسىمۇ ئاغزىنى كۆيدۈرۈۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئىستاكاننىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىك ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى. ئىستاكان ئاستىنىڭ ئىچ دىۋارى بىلەن تاش دىۋارى ئارىلىقىغا بىر خىل قاتتىق ھالەتتىكى خىمىيىۋى دورا ۋە سۇيۇقلۇق توشقۇزۇلغان كاپسۇلا سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىستاكاننىڭ نەرسىلەرنى قىزىتالىشىنىڭ سىرى. سىرتىدىكى تارتقۇچنى تارتقىنىڭىزدا كاپسۇلا يېرىلىپ ئىككى خىل خىمىيىۋى دورا ئارىلىشىپ رېئاكسىيىلىشىدۇ، ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق بىلەن ئىستاكاندىكى سۇنى قاينىتىپ، قەھۋە دەملىگىلى، شورپا ئىسسىتقىلى ياكى يېرىم تەييارلانغان باشقا قورۇمىلارنى ئىسسىتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل قاچىنى بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قاچا تاشلىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قائىدىگە ئاساسەن، ئىچىملىكنى تېز توڭلىتىش قاچىسى تەييارلىغىلى بولىدۇ. ئۇ ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «پاسىلداق» قۇتىغا ئوخشاش ئۆلچەملىك ئاليۇمىندىن ياسالغان قاچا بولۇپ، ئىچىدە ئىنتايىن كىچىك توڭلىتىش قۇرۇلمىسى بار، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا يۇقىرى بېسىملىق سۇيۇقلۇق قاچىلانغان. قاچا ئاغزىنى ئاچساق، يۇقىرى بېسىملىق سۇيۇقلۇق ئۆزلۈكىدىن ھورلىنىدۇ، بىراق، خىمىيىۋى دورا ئىچىملىك بىلەن ئازراقمۇ ئۇچراشمايدۇ.90 سېكۇنتتىن كېيىن، ئىچىملىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃1 −℃ 2 قا چۈشىدۇ، كىشىلەر تەنگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سوغۇق ئىچىملىكنى ئىچەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئەپلىك قازان - قومۇچلار | UyghurWiki | UyghurWiki