بېسىم بىلەن قۇيۇش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
مېتاللاردىن ھەر خىل بۇيۇملارنى ياساشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى − قۇيۇش. چىن شىخۇاڭ ئەينى يىللىرى ھەربىي قوراللارنى يىغىپ،12 «ئالتۇن ئادەم» نى قۇيغاندا قۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇنىڭدا ئاۋۋال مومدىن نەپىس ئادەم ھەيكىلى ياسىلىپ، سىرتىغا ئىسسىققا چىداملىق كۆمۈر ئۇۋىقىنىڭ لېيى سۈرتۈلۈپ، قاپ شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ئاندىن موم قىزىتىپ ئېرىتىلسە، قاپ ئىچىدە موم ئادەمگە ئوپمۇئوخشاش بوشلۇق قالىدۇ، مېتالنى ئېرىتىپ بۇ بوشلۇققا قۇيسا، سوۋۇغاندىن كېيىن مېتال ئادەم شەكلى پۈتۈپ چىقىدۇ.
ھازىر قۇيمىچىلىق كەسپىدە ھەمىشە قۇم قېلىپتا قۇيۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇ يەنە «قۇيمىچىلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇم قېلىپتا قۇيۇلغان بۇيۇم چوڭ، سىرتى يىرىك بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇيۇمنىڭ ئىچى بوش بولۇپ، ئاسانلا كاۋاك ۋە نۇقسان كېلىپ چىقىپ قۇيۇلغان بۇيۇمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھازىرقى زامان سانائىتىدە قۇيۇلغان بۇيۇمنىڭ نەپىسلىكى ۋە سۈپىتى مېتال قېلىپتا بېسىم بىلەن قۇيۇش ئۇسۇلى بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، مۇنداق ئۇسۇل بىلەن قۇيغاندا، مېتال ئېرىتمىنى قۇيغان چاغدا مەلۇم دەرىجىدە بېسىم بېرىلىدۇ، خۇددى قېلىپقا كېسەك قۇيغاندەك، بىر يېرى، قۇيمىچىلىقتا بېرىلگەن بېسىمنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئادەتتە مېتال سۇيۇقلۇقىغا بېرىلگەن بېسىم100 —2000 ئاتموسفېرا بېسىمىغا، ئېرىتمە قۇيۇش تېزلىكى سېكۇنتىغا15 —100 مېتىرغا يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇيۇلغان بۇيۇم چىڭ ۋە كاۋاك بولمايدۇ، ئىزنالىرىمۇ شۇنچە ئېنىق، ئۆلچىمى ئىنتايىن جايىدا بولىدۇ. توك شامالدۇرغۇچ ماتورىنىڭ تەگلىكى ۋە قانىتى قاتارلىق ئاليۇمىن قېتىشمىدىن قۇيۇلغان بۇيۇمنىڭ سىرتى سىلىق بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىمەيمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
بېسىم بىلەن قۇيۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا بېسىم بىلەن قۇيۇش ماشىنىسى دېيىلىدۇ، ئۇ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى جابدۇق. بېسىم بىلەن قۇيۇش قېلىپىنىڭ ئىچى ئېسىل قېتىشما پولاتتىن ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بېسىم بىلەن قۇيۇش ۋاقتىدا شەكلى ئۆزگىرىپ ياكى سۇنۇپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئاليۇمىن قېتىشمىسى، سىنك قېتىشمىسى، ماگنىي قېتىشمىسى ۋە مىس قېتىشمىسى دېتاللىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باب كېلىدۇ. ئىسسىق كامېردا بېسىم بىلەن قۇيۇش ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ئەسلىھە بار، ئۇنىڭ ئۆزىدە پېچ بار، مېتال پارچىلىرىنى ماشىنىنىڭ سۈكىنىگە ئاپتوماتىك ئېرىپ مېتال قېلىپقا قۇيۇلىدۇ. بۇ ئەسلىھە ئۇششاق دېتاللارنى ئۇدا ئىشلەپچىقىرىشقا باب كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى، بىر قېلىپتىكى نۇرغۇن دېتاللارنى بىرەر مىنۇتقا قالمايلا بېسىم بىلەن قۇيۇپ بولىدۇ.