سۇ - كۆمۈر بوتقىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كۆمۈر توشۇش نېفىت توشۇغاندەك قۇلاي ئەمەس، لېكىن، ئۇنىڭ زاپىسى كۆپ، باھاسى ئەرزان، كۆمۈرنى نېفىتكە ئايلاندۇرغىلى بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!1982
- يىلى يازنىڭ بىر كەچقۇرۇنلۇقى، ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسسىس چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىزىقارلىق بىر مانېۋىر قىلدى: ئۇ ئىككى قولىغا% 30 سۇ قوشۇلغان كۆمۈر ئۇۋىندىسى بار ئىستاكانلارنى ئېلىۋالغان، بىر ئىستاكاندىكىسى يىرىكرەك، يەنە بىر ئىستاكاندىكىسى ئۇششاقراق ئىدى. ئۇ قوللىرىدىكى ئىستاكانلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: مەن ھازىر بۇ ئىككى ئىستاكاندىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ «ماي» غا ئايلاندۇرىمەن، ئايلاندۇرالمىسام ھەممەيلەننى ئۆردەك كاۋىپىغا تەكلىپ قىلىمەن، دېدى. ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، ئىككى ئىستاكاندىكى كۆمۈر ئۇۋىندىلىرىنى قوشۇپ، ئەينەك تاياقچە بىلەن قوچۇدى، بىرئازدىن كېيىن لايغا ئوخشاش كۆمۈر - سۇ ئارىلاشمىسى ئاستا - ئاستا سۇيۇلدى. ئاخىر مازوت - ئېغىر مايغا ئوخشاش سۇيۇقلۇق ھاسىل بولدى. مانا بۇ كۆمۈردىن ئۆزگەرگەن نېفىت − سۇ - كۆمۈر بوتقىسى ئىدى.
سۇ - كۆمۈر بوتقىسى دەسلەپ ماي - كۆمۈر بوتقىسىدىن كەلگەن. ئەينى چاغلاردا بەزىلەر كۆمۈر بىلەن ماينى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە ئازراق خۇرۇچ قوشقاندا، كۆمۈر مايغا ئوخشاش ئاققان، نېفىت كۆيگەن، ماي - كۆمۈر بوتقىسى «ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش» رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما، ماي قىممەت، يېپىشقاق، شۇڭا ئىشلىتىش قىممىتى تۆۋەنرەك.
كۆمۈر بىلەن سۇ قوشۇلۇپ نېمىشقا «ماي» بولۇپ قالىدۇ؟ چۈنكى، كۆمۈر بىلەن ماي «بىر قورساق» ئاكا - ئۇكىلار. ئۇلارنىڭ ئاساسىي تەركىبى كاربون بىلەن ھىدروگېن ھەم ئازراق ئوكسىگېن، ئازوت ۋە گۈڭگۈرت ئېلېمېنتلىرى. پەقەت كۆمۈردىكى ھىدروگېن نېفىتتىكىدىن ئازراق، لېكىن كاربون نېفىتتىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا، سۇ قوشۇش كۆمۈردىكى كاربون، ھىدروگېن ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئېغىرلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، نېفىت تەركىبىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ «مىجەزى» يېقىنلىشىدۇ.
كۆمۈردىن ئۆزگەرگەن مۇنداق «نېفىت» ماي يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئالىملار ئالاھىدە بىر خىل پۈركىگۈچ ياسىدى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سۇ - كۆمۈر بوتقىسى بىلەن ھاۋانى ئارىلاشتۇرۇپ پۈركىگىلى بولىدۇ، پار قازاننى ئانچە ئۆزگەرتمەيمۇ ئوتنى تېز ياققىلى ۋە ئۇلغايتقىلى بولىدۇ.