ئېلېكترونلۇق دېتاللارنى سىرتقى يۈزگە ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كىچىككىنە ئېلېكترونلۇق سائەت، چېسلالارنى توغرا ھېسابلاپلا قالماي، ۋاقىتتىن خەۋەر بېرەلەيدۇ، يېقىملىق مۇزىكا چالالايدۇ؛ نېپىزگىنە ھېسابلىغۇچ ھەم تۆت ئەمەل بېجىرەلەيدۇ، ھەم سېكۇنت، سائەتلەرنى ھېسابلىيالايدۇ. بۇنىڭ سىرى ئېلېكترونلۇق دېتاللاردا. بۇ دېتاللار باسما توك يولى تاختىسىدا «ئۆرە» تۇرماي، «ياتىدۇ». شۇڭا، كىشىلەر ئۇلارغا ياپىلاق دېتاللار دەپ ئات قويغان. ياپىلاق دېتاللارنى توك يولى تاختىسىغا تۇتاشتۇرۇش سىرتقى يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى دېيىلىدۇ.
ياپىلاق دېتاللارنىڭ «پۇتى» كۆپ ۋە ئىنچىكە، تەكشىلىكتە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ھېسابلىغۇچنىڭ توپلاشقان توك يولى ياپرىقىدا ئادەتتە32 پۇت بولىدۇ، كۆپ بولغاندا100 گە يېتىدۇ، پۇتلارنىڭ ئارىلىقى1 مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا، مۇنداق ياپىلاق دېتاللاردا قايتا ئېرىتىپ كەپشەرلەش دېيىلىدىغان يېڭى كەپشەرلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
قايتا ئېرىتىپ كەپشەرلەش ماشىنىسى توشۇش تاسمىسى، قىزىتىش، سوۋۇتۇش ۋە كونترول قۇرۇلمىلىرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. توشۇش تاسمىسىنىڭ تېزلىكىنى كەپشەرلەش تېمپېراتۇرىسىغا ئاساسەن تەڭشىگىلى بولىدۇ. قىزىتىشتا قاقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئۇ ئالدىن قىزىتىش رايونى ۋە قايتا ئېرىتىش رايونىغا بۆلۈنۈپ، تېمپېراتۇرىنى بارا - بارا كەپشەرلەشكە ئېھتىياجلىق تېمپېراتۇرىغا كۆتۈرىدۇ، سوۋۇتۇش پۈۋلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، ئۇ كەپشەر مەلھىمىنى قاتۇرىدۇ. كونترول قۇرۇلمىسى قىزىتىش تېمپېراتۇرىسىنى ۋە توشۇش تېزلىكىنى تەڭشەپ، كەپشەرلەش تېمپېراتۇرىسىغا ئېرىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
قايتا ئېرىتىپ كەپشەرلەشتە كەپشەر قەلىيى ئەمەس، ئالاھىدە ئىشلەنگەن كەپشەر مەلھىمى ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋۋال كەپشەر مەلھىمى كەپشەرلىنىدىغان يەرگە سۈرۈلۈپ، دېتاللار مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن قىزىتقۇچ كەپشەر مەلھىمى سۈرۈلگەن باسما تاختىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ، كەپشەر مەلھىمى قىزىپ ئېرىيدۇ، پۈۋلەپ سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن دېتاللار مەھكەم تۇتۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قايتا ئېرىتىپ كەپشەرلەش ئىشقا ئاشىدۇ.
باسما توك يولى تاختىسى سىرتقى يۈزگە ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن كەپشەرلەنسە، ئۇچرىشىش يۈزى چوڭ، قۇراشتۇرۇلۇش زىچلىقى يۇقىرى، يەڭگىل، كەپشەرلەش قاتلىمى تەكشى، ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا تازا باب كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن ئىككى ئالىقانچىلىك باسما توك يولى تاختىسىنىڭ ئالدى - كەينىگە1000 غا يېقىن دېتال ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كەپشەرلەش نۇقتىسى10 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنى ئادەتتىكى توك يولى تاختىسىغا سېلىشتۇرغاندا توققۇز ھەسسە يۇقىرى. تېخى باسما توك يولى تاختىسىنىڭ ئۆلچىمىنى% 70 كىچىكلەتكىلى بولىدۇ، تەننەرخ يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ.