UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىقايتا ئىشلەنگەن ئەلا خۇرۇم

قايتا ئىشلەنگەن ئەلا خۇرۇم

پەن - تېخنىكا دۇنياسى خۇرۇم پۇرۇچلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ پۈتۈن خۇرۇمغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇ قايتا ئىشلەنگەن خۇرۇم دېيىلىدۇ. قايتا ئىشلەنگەن خۇرۇمنى ئىشلەش بەك ئاددىي، خۇرۇم پۇرۇچلىرى تېتىلىپ تالا قىلىنىدۇ، ئاندىن تەبىئىي ئېمۇلسىيە ۋە بىرىكمە ئېمۇلسىيە قاتارلىق يېپىشتۇرغۇچى ماددىلارنى قوشۇپ، بېسىپ، ياپىلاق ھالەتتىكى خۇرۇم ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئۇنى تەبىئىي خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ ئەستىرى، پاشنىسى ۋە تۇمشۇقىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇندۇغى ۋە چامادان ئەستىرى قىلغىلىمۇ بولىدۇ. قايتا ئىشلەنگەن خۇرۇمنىڭ شەكلىنى خۇددى خېمىر يۇغۇرغاندەك، ئېھتىياجغا قاراپ خالىغانچە ئىشلىگىلى بولىدۇ، ئۇ خېلى پۇختا بولۇپلا قالماي، يەنە يەڭگىل، ئىسسىققا ۋە چىرىشكە چىداملىق. خۇرۇم پۇرۇچلىرىدىن كوللاگېن بوتقىلىق يېرىم سېنتېتىك خۇرۇم ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئاۋۋال خۇرۇم پۇرۇچلىرى يانجىلىپ كوللاگېن بوتقىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ بىرىكمە تالادىن توقۇماي ئىشلەنگەن رەختنى تەگلىك قىلىپ، قايتا يىغىش ئارقىلىق، مەلۇم كەڭلىكتە ياغاق ئىشلىنىدۇ. بۇنداق ياغاقنى راست تېرىگە ئوخشاش ئاشلىغىلى، تولۇقلىغۇچ قىلغىلى، مايلىغىلى ۋە پەرداز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تىكىلگەن ئاياغ يۈزلۈكىنى تەبىئىي خۇرۇمدىن قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. مۇنداق خۇرۇم تەبىئىي خۇرۇم بىلەن بىرىكمە ماتېرىياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. خۇرۇم پۇرۇچلىرىنى سۇلياۋغا قوشۇپ، كۆپۈك خۇرۇم ئىشلىگىلىمۇ بولىدۇ، پولىۋىنىل خلورىد سۇلياۋغا %25 چە كېرەكسىز خۇرۇم تالاسى قوشۇۋېتىلسە، كۆپۈكلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە كۆپۈك سۇلياۋ ۋە ئاياغ تىككىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا ھەم سۇلياۋنىڭ سۈركىلىشكە چىداملىقلىقى، ھەم خۇرۇمنىڭ ئېلاستىك ۋە تېيىلماسلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولىدۇ. كىيسە شۇنچە ئازادە ۋە پۇختا، مۆلچەرلىنىشىچە،10 مىڭ توننا كېرەكسىز خۇرۇمدىن مۇشۇنداق كۆپۈك خۇرۇم ئىشلەنسە، بۇنىڭدىن تېجەلگەن پولىۋىنىل خلورىد سىمولنىڭ مىقدارى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى3000 توننا بولغان بىر زاۋۇتنىڭ ئۈچ يىللىق مەھسۇلاتىغا تەڭ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
قايتا ئىشلەنگەن ئەلا خۇرۇم | UyghurWiki | UyghurWiki