ئاپتوماتلاشقان «كۆز»
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
زاۋۇتلاردىكى سېخلارغا تېلېكامىرا قۇرۇلمىسى ئورنىتىلسا، باش ئىنژېنېر ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملار ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ كۇنۇپكىلارنى بېسىپلا، سېخلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ، تېلېفون ياكى رادىئو بىلەن قوماندانلىق قىلالايدۇ، ھەتتا، چېرتيوژدىكى «ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن كۆرۈنۈش» لەر ئارقىلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى «يۈزتۇرا» بىر تەرەپ قىلالايدۇ. مۇنداق تېلېكامىرا زاۋۇتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېكترىك كۆز بولۇپ، سانائەت تېلېۋىزورى دەپ ئاتىلىدۇ.
سانائەت تېلېۋىزورى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: تېلېكامىرا، كونتروللىغۇچ ۋە كۆزەتكۈچ. تېلېكامىرانىڭ رولى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئېلىشقا ئوخشاش، ئەمما ئۇنىڭدىن كىچىك ۋە ئەپچىل، ئۇنى ئۈچبۇلۇڭلۇق جازىغا ياكى ماشىنىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل تۇرغۇدىن سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ، قول بىلەن مەشغۇلات قىلغىلىمۇ، تىزگىنەك بىلەن كونترول قىلغىلىمۇ بولىدۇ. كونتروللىغۇچ كونترول بۆلۈمىگە كۆزەتكۈچ بىلەن بىللە ئورنىتىلىدۇ. كىشىلەر كۆزەتكۈچنىڭ ئېكرانىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرگەچ مەشغۇلات قىلىدۇ، تېلېكامىرادىن كەلگەن سۈرەت سىگناللىرىنى پىششىقلاپ ۋە چوڭايتىپ، بۇ سۈرەتلەرنى يەنە كۆزەتكۈچكە يوللاپ كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە نۇرغۇن تېلېكامىرا تەڭ ئىشلەيدۇ، كونتروللىغۇچ نۇرغۇن يوللاردىن كەلگەن تېلېۋىزىيە سىگناللىرىنى ئالماشتۇرالايدۇ ھەم تېلېكامىرالارنى تەڭشىيەلەيدۇ. كۆزەتكۈچ ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە سىگناللىرىنى قايتا قۇراشتۇرۇپ، بۇ سىگناللارنى كابېل ئارقىلىق بىۋاسىتە تېلېۋىزورغا يوللاپ بېرىدۇ.
تېلېكامىرانى ناھايىتى كىچىك ياساپ، ئۇنى سۈن ۋۇكۇڭ تۆمۈر يەلپۈگۈچلۈك مەلىكىنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالغاندەك، نازۇك ۋە مۇرەككەپ ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆرگىلى بولمايدىغان يەرلەرنى كۆزەتكىلى؛ بۇرغىنىڭ ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇدۇق بۇرغىلىغاندا ۋە گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
سانائەت تېلېۋىزورىنى مېخانىك قول بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، زەھەرلىك ۋە رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۇ خۇددى كۆزگە ئوخشاش، ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ. سانائەت تېلېۋىزورى يەنە كومپيۇتېرنىڭ تىزگىنلىشىدە ئىشلەپچىقىرىش دىئاگرامما، جەدۋەللىرى ۋە ستاتىستىكىلىق سانلارنى كۆرسىتىپ، ئامباردىن كىرگەن - چىققان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇمات، ماتېرىيال ۋە ھېساباتلارنى ئىزدەپ تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ.
سانائەت تېلېۋىزورىنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئالاھىدە قابىلىيەتلىرى بار، ئۇ يۇقىرى ھارارەتتە، سۇ ئاستىدا ۋە ھەر خىل ناچار مۇھىتلاردىمۇ خىزمەت قىلىۋېرىدۇ.