UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسۈنئىي يېمەكلىك

سۈنئىي يېمەكلىك

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە كۈنىگە سەرپ قىلىنىدىغان ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مىقدارى1 مىليارد200 مىليون توننىغا يېتىدىكەن، بۇ ئېكۋاتورغا ئاشلىقتىن كەڭلىكى17 مېتىر، قېلىنلىقى8 .1 مېتىر كېلىدىغان تاشيول ياسىغانغا باراۋەر. ھالبۇكى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بۇ «ئاشلىق تاشيولى» نى يىلىغا1000 كىلومېتىردىن ئۇزارتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئاشلىق يېتىشمەسلىكتەك ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار بۇ خىل ئەھۋالدا، بىر تەرەپتىن، نوپۇسنى تىزگىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، يېمەكلىك يېڭى مەنبەسى − سۈنئىي يېمەكلىك ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەنمەكتە. يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا يوللار ئارقىلىق بىر ھۈجەيرىلىك ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىش ئىنسانلارنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرى. بىر ھۈجەيرىلىك ئاقسىل «سۈنئىي گۆش» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل مىكرو ئورگانىزملىق يېمەكلىك. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىنچىسى بىر ھۈجەيرىلىك بولۇپ، ئۇلار نۇكلېئىن كىسلاتا بىلەن ئاقسىلنىڭ گەۋدىسى. ئېچىتىش ئارقىلىق بۇ خىل بىر ھۈجەيرىلىك مىكرو ئورگانىزملارنى ئىشلەپچىقارغاندا، ئىنتايىن مول بىر ھۈجەيرىلىك ئاقسىلغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ،500 كىلوگرام تىرىك باكتېرىيە تېنى، مۇۋاپىق شارائىتتا،1 كېچە - كۈندۈزدە1250 كىلوگرام بىر ھۈجەيرىلىك ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىدۇ؛ ھالبۇكى، ئېغىرلىقى500 كىلوگرام كېلىدىغان كالا كۈنىگە ئاران5 .0 كىلوگرام ئاقسىلنى سىنتېزلەيدۇ. «سۈنئىي گۆش» نىڭ ئاساسىي تەركىبى ئاقسىل، ياغ، شېكەر، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتى ۋە توخۇ تۇخۇمىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.1 توننا مىكرو ئورگانىزم ئاقسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى1 .2 توننا گۆش ياكى3 توننا تۇخۇم ياكى12 توننا كالا سۈتىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنى يېمەكلىك قىلىشقىمۇ، يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ. يۈسۈن تۈرىدىكىلەر مىكرو ئورگانىزملار دۇنياسىنىڭ پەخرى، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئوزۇقلۇق قىلىپ، قۇياش نۇرىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىن نەچچە10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.1 مو يەر چوڭلۇقىدىكى كۆلدىن ئېلىنغان يۈسۈن پاراشوكىنى پرېسلانغان ئاقسىلغا سۇندۇرغاندا،5 توننا پۇرچاققا باراۋەر كېلىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ھاۋا، سۇ ۋە قۇياشتىن پايدىلىنىپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. كەلگۈسىدە داستىخىنىمىزغا يەنە سىنتېتىك يېمەكلىكلەر چىقىدۇ، بۇلار ئىرسىيىتى ئۆزگەرتىلگەن مىكرو ئورگانىزملار ياكى مۇقىم ئېنزىملاردىن ئىشلەنگەن يېمەكلىك بولۇپ، تەبىئىي يېمەكلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزگەرتىلگەن زەمبۇرۇخ ۋە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېسىل نېمەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، زەمبۇرۇخ ئىشلەپچىقارغان زەمبۇرۇخ يىپچىلىرىنى كىشىلەر سىنتېتىك تالانى بىر تەرەپ قىلغانغا ئوخشاش مۇئەييەن قۇرۇلما بويىچە توقۇپ بىرلەشتۈرۈپ شەكىلگە كىرگۈزىدۇ، شۇنداق بولغاندا مەلۇم ئالاھىدە يېمەكلىك، مەسىلەن، كالا پۇتى، كالا سىرتى (كالا ئومۇرۇتقىسى گۆشى)، كالا جىگىرى، كالا سىڭىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. ئەنگلىيە سىنتېتىك كالا گۆشى يېمەكلىكىنى بازاردا ئومۇملاشتۇرۇپ، سىنتېتىك كالا گۆشى ھامبۇرۇگ بولكىسى ۋە توڭلىتىلغان «كالا گۆشى» قىيمىسى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
سۈنئىي يېمەكلىك | UyghurWiki | UyghurWiki