UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىماگنىت سۇيۇقلۇقى

ماگنىت سۇيۇقلۇقى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ماگنىت سۇيۇقلۇقى تۆمۈرنى ماگنىتقا ئوخشاش تارتالايدۇ. كىچىك چويۇن توپنى ماگنىت سۇيۇقلۇقى بار ئەينەك قاچىغا سالسا، چويۇن ئېغىر بولغانلىقتىن قاچىنىڭ تەكتىگە چۆكىدۇ، ماگنىت قاچىنىڭ ئاستىدىن يېقىنلاشتۇرۇلسا، ماگنىت سۇيۇقلۇقى چويۇن توپنى سىرلىق ھالدا لەيلىتىدۇ. ماگنىت سۇيۇقلۇقى ئۈچ خىل نەرسىدىن ياسىلىدۇ: ماگنىت ئۇۋىندىسى، ئېرىتكۈچ ۋە سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئاگېنتى. ماگنىت ئۇۋىندىسى چوڭلۇقى ئون مىڭدىن بىر مىللىمېتىر بولغان ماگنىت ئۇۋاقلىرىدىن؛ ئېرىتكۈچ سۇ ياكى باشقا ئېرىتكۈچلەردىن؛ سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئاگېنتى ماگنىت ئۇۋىندىلىرىنى سۇيۇقلۇقتا چۆكۈرمەي لەيلىتىدىغان ماددىدىن ئىبارەت. بۇ سۇيۇقلۇق ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتسىمۇ پارچىلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن «سۇيۇق ماگنىت» دەپ ئاتالغان. سۇيۇق ماگنىت مېخانىزم ياساشتا ئېسىل ھىملاشتۇرغۇچ ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇن ئوق مېخانىزم گەۋدىسى بىلەن رېزىنكە ياكى باشقا ئېلاستىك ماتېرىياللار بىلەن ھىملاشتۇرۇلاتتى، مۇنداق ماتېرىياللار ئۆمرى قىسقا، ئىشەنچىسىز بولغانلىقتىن، رادىئوئاكتىپ ۋە چىرىش خاراكتېرلىك سورۇنلاردا زادىلا ئىشلەتكىلى بولمايتتى. بىراق، ئوق بىلەن مېخانىزم گەۋدىسى ئارىسىغا ماگنىت سۇيۇقلۇقىدىن بىرنەچچە تامچە تېمىتىپ، ئۇنى ھالقا شەكىللىك ماگنىت بىلەن ماگنىتلاپ قويسىلا، يېڭى شەكىلدىكى ھىملاشتۇرۇغۇچقا ئايلىنىدۇ. ئۇ ئوق بىلەن مېخانىزم گەۋدىسىنى بىر - بىرىگە تەگكۈزمىگەچكە، سۈركىلىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، مېخانىزمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئالەم كېمىسىدىكى ئاراچلار ھىملاشتۇرۇلسا، ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا، گاز چىقىپ كەتمەيدۇ. ماگنىت سۇيۇقلۇقىنىڭ غەلىتە »مىجەزى« مۇ بار: ئۇ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە تاكى تاشتەك قاتقىچە بارا - بارا قويۇقلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مېخانىكىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ۋاقتىدا، بەزى مۇرەككەپ دېتاللارنى ئىستانوكقا چىڭ قىستۇرغىلى بولمىسا، بۇ دېتالنى ماگنىت سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ ئېلېكترو ماگنىت مەيدانىغا چېتىلسا، ماگنىت سۇيۇقلۇقى قويۇلۇپ دېتالنى پۇختا مۇقىملاشتۇرىدۇ؛ پىششىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن توكنى ئۈزۈۋەتسىلا، ماگنىت سۇيۇقلۇقى يەنە سۇ بولۇپ ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ، دېتالنىمۇ ئوڭاي چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ. ماگنىت سۇيۇقلۇقىدىكى ماگنىت ئۇۋىندىلىرىنىڭ مىقدارى ئوخشىمىسا، ھەر خىل مېتاللارنى لەيلىتىش كۈچىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ماگنىت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئالتۇننى لەيلىتىپ ئۇراننى چۆكۈرۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان رۇدا يىغقۇچ رۇدا ئىچىدىن قىممىتى بار مېتاللارنى ئاسانلا ئىلغاپ چىقىدۇ. بوياق ماتېرىياللىرىنى ماگنىتلىق بوياق قىلىپ ئىشلىسە، رەڭگارەڭ گۈللۈك رەختلەرنى بويىغىلى بولىدۇ. بوياش ۋاقتىدا، ماگنىتلىق بوياق پۈركىگۈچتىن كومپيۇتېر بىلەن تىزگىنلىنىۋاتقان ئېلېكترو ماگنىت ئارقىلىق ئاق رەختكە پۈركىلىدۇ، خۇددى رەسسامنىڭ قەلىمىدەك، ماگنىتنىڭ تەسىرىدە ئېھتىياجلىق گۈل نۇسخىسىنى چىقارغىلى بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى