UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئالەم زاۋۇتى

ئالەم زاۋۇتى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى يەر شارىدا شۇنچە كۆپ زاۋۇتلار تۇرسا، يەنە نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا بېرىپ زاۋۇت قۇرىمىز؟ چۈنكى، يەر شارىدىكى زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆمۈر، نېفىتنى ئېنېرگىيە قىلىدۇ، ئۇلاردىن چىققان كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز ماتېرىياللار مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدۇ. ئالەم بوشلۇقى زاۋۇتىدا قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىنغاچقا، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. قۇياش ئېنېرگىيىسى تۈگىمەيدىغان ئەرزان باھالىق ئېنېرگىيە بولغاچقا، ئالەم بوشلۇقىدا زاۋۇت قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم بوشلۇقى ئېغىرلىق كۈچى بولماسلىق، ۋاكۇئۇم بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى ساپ بولۇش ۋە پەۋقۇلئاددە تۆۋەن تېمپېراتۇرا قاتارلىق شارائىتلارغا ئىگە، بۇ خىل پەۋقۇلئاددە بوشلۇق مۇھىتى مەلۇم پەۋقۇلئاددە ماتېرىياللارنى ئىشلەش ئۈچۈن زۆرۈر، ھالبۇكى، يەر شارىدا بۇنداق ياخشى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى ھازىرلاش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، راكېتاغا سۈركىلىشكە چىداملىق قوغۇشۇن - ئاليۇمىن قېتىشمىسى لازىم بولىدۇ، بىراق يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن، بۇ ئىككى خىل مېتالنى ئېرىتكەندە، قوغۇشۇن ئاستىغا چۆكۈۋالىدۇ، سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن، تەكشى ئارىلاشقان بىرىكمە ماتېرىيالغا ئەمەس، بەلكى قەۋەتكە ئايرىلغان تورتقا ئوخشاش ماتېرىيالغا ئېرىشىمىز. ئالەم بوشلۇقى زاۋۇتىدا بولسا بۇ خىل قېتىشمىنى ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى ئاسان. چۈنكى، ئۇ جايدا ھەرقانداق جىسىم ئېغىرلىقىنى يوقىتىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، ئىككى خىل مېتال سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قەۋەتكە ئايرىلمايدۇ. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يەر يۈزىدە ياساش مۇمكىن بولمىغان تەخمىنەن400 خىل قېتىشمىنى ئالەم بوشلۇقى زاۋۇتىدا ياسىغىلى بولىدىكەن. ئالەم بوشلۇقى زاۋۇتىدا يەنە ئورگانىزم ۋە دورىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، بۆلۈنۈشىمۇ بىرقەدەر ئاسان.1992 -يىل10 -ئاينىڭ14 -كۈنى ئېلىمىز قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا جانلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىنى قوشۇپ، راكقا قارشى جانلىق − مۇچۇبانى يېتىشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا دورا ياساش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىسپاتلىدى. كىشىنى خۇشاللاندۇرىغىنى شۇكى، ئالەم بوشلۇقىدىكى زاۋۇتلار پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئېھتىياجلىق بولغان خام ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە يەر شارىغا تايىنىۋالمايدۇ، چۈنكى، ئاي ۋە نۇرغۇن كىچىك سەييارىلەردە ئالەم بوشلۇقىدا پىششىقلاپ ئىشلەشكە لازىملىق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، يېقىن كەلگۈسىدە، ئالەم ئايروپىلانلىرى ئالەم بوشلۇقىدا توختىماي ئۇچۇپ، ئالەم بوشلۇقى زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «ئەتىۋارلىق بۇيۇم»، «خاسىيەتلىك دورا»لارنى ئۈزلۈكسىز دۇنيا چوڭ ئائىلىسىگە توشۇپ، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى