UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىقېتىشما پولات

قېتىشما پولات

پەن - تېخنىكا دۇنياسى «سۇ بويىدا» دا ياڭ جىنىڭ شەمشەر سېتىش ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ياڭ جىنىڭ ھېلىقى شەمشىرى دەستىلەپ قويۇلغان20 مىس يارماقنى بىر كېسىپلا ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ! ئەلۋەتتە، بۇ بىر مۇبالىغە، بىراق، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنجەر، شەمشەرلىرى ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ھەقىقەتەن داڭلىق. ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، قەدىمكى خەنجەر، شەمشەرلەردە ۋولفرام تەركىبى بار ئىكەن. ۋولفرام بارلىق مېتاللار ئىچىدە ئوتتىن ئەڭ قورقمايدىغان، ئېرىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىلى. پولاتقا ۋولفرام قوشۇپ ھاسىل قىلىنغان ۋولفراملىق پولاتتىمۇ مۇشۇنداق ئېسىل خۇسۇسىيەتلەر بولىدۇ. ئادەتتىكى پولاتتىن ياسالغان قىرىش پىچىقى قىزىپ℃ 250 قا چىققاندا يۇمشاپ، مېتاللارنى قىرالمايدۇ؛ ۋولفراملىق پولاتتىن ياسالغان قىرىش پىچىقى℃ 100 قىچە قىزىسىمۇ قاتتىقلىقىنى يوقاتمايدۇ. قىرىش پىچىقىدىن باشقا، تېز ئايلىنىدىغان ماشىنا ئوقى، يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق مىلتىق، زەمبىرەك ئىستۇۋوللىرىمۇ ۋولفراملىق پولاتتىن ياسىلىدۇ.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە تۇنجى بولۇپ تانكا ئىشلەتكەن، قېلىن برونېغا تايىنىپ جەڭ مەيدانىدا توسالغۇسىز ئىلگىرىلىگەن. ئەمما، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىغان، گېرمانىيىنىڭ سىنارەدلىرى تانكىنىڭ قېلىن برۇنېنى تېشىپ ئۆتكەن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولغان، ئەنگلىيە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سىنارەدلىرىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋولفرام قوشۇلغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە ئارمىيىسى پولاتقا خروم، مانگان، نىكېل، مولبىدىن قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى قوشۇپ، يېڭى تىپتىكى تانكا قېپىنى ياسىغان، قېلىنلىقى ئالدىنقىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك بولغان، لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سىنارەدلىرى ئەمدى ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە خروم پولاتنىڭ قاتتىقلىقى ۋە كۈچىنىشىنى ئاشۇرىدۇ، نىكېل بولسا پولاتنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرىدۇ. پولاتقا ھەم خروم، ھەم نىكېل قوشۇلسا، ئېسىل نىكېل - خروملۇق پولات ھاسىل بولىدۇ. ھازىر دۇنيادا «مىجەزى غەلىتە» نەچچە مىڭ خىل قېتىشما ئىشلەپچىقىرىلىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىنى قامداۋاتىدۇ، سىلىتسىيلىق پولات (كرېمنىيلىق پولات دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ترانسفورماتور ياساشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى. بۇ ئادەتتىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئۆزەكلەرگە ئوخشاش ئاسان قىزىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى كۆپلەپ خوراتمايدۇ؛ سىلىتسىيلىق پولات ئىشلىتىلسە، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى زادىلا خوراتمايدۇ دېسىمۇ بولىدۇ. ۋانادىيلىق پولات پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر، ئۇنىڭدىن سىنارەد (زەمبىرەك ئوقى) ياسالسا،40 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى پولات تاختىنى تېشەلەيدۇ. تەركىبىدە%36 نىكېل بولغان قېتىشما پولات℃ 100 قىچە ئىسسىقلىقتا دېگۈدەك كېڭەيمەيدۇ، تارايمايدۇ، نازۇك ئۆلچەش سايمانلىرىنى ياساشقا تازا باب كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
قېتىشما پولات | UyghurWiki | UyghurWiki