كومپيۇتېردا كىيىم تىكىش ۋە «سېھىرلىك ئەينەك» تە كىيىم سىناش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كەلگۈسىدە كىيىم تىكىش ھازىرقىدىن كۆپ ئاددىيلىشىدۇ. تىككۈچىلىك دۇكانلىرىدا كومپيۇتېر ئارقىلىق لايىھىلەش، پىچىش سىستېمىسى، ئېلېكترونلۇق تىكىش ماشىنىسى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىلىق تىكىش ماشىنىسى بولىدۇ، كومپيۇتېردا لايىھىلەش، پىچىش سىستېمىسىغا ئەر-ئاياللارنىڭ تۈرلۈك پاسوندىكى كىيىملىرىنىڭ سانلىق مودېلى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قانداق كىيىم تىككۈزمەكچى بولسا، تەلەپنى كومپيۇتېرغا ئېيتسىلا، كومپيۇتېر ئېكرانىدا كىيىمنىڭ بارلىق نۇسخىسى ئايان بولىدۇ. ئارقىدىنلا كومپيۇتېر ئاپتوماتىك پىچىشنى تىزگىنلەيدۇ.
ئېلېكترونلۇق تىكىش ماشىنىسى ئەڭ ئەقىللىق «تىككۈچى»، ئۇ10 نەچچە خىل تىلنى چۈشىنەلەيدۇ، نەچچە1000 خىل پاسوندىكى كىيىمنى تىكىپ چىقالايدۇ، كىيىم تىكىشتە يىڭنە ئىشلىتىلمەيدۇ، ماشىنىدىن ھاسىل بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئىككى پارچە رەختنىڭ چېتىنى يۇقىرى سۈرئەتتە تەۋرىتىپ، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بىرىكتۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا «تىكىلگەن» كىيىم ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، تىكىچى ئاجراپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئورۇق ھەم ئېگىز ياكى سېمىز ھەم پاكار كىشىلەر كەلگۈسىدە يارىشىملىق كىيىم سېتىۋالالماسلىقتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، «بىۋاسىتە كىيىم تەييارلاش ئۇسۇلى» ئۇلارنى يارىشىملىق كىيىمگە ئىگە قىلىدۇ. ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىگە ئاساسەن پروگرامما تۈزگەندىن كېيىن، كىيىم تىككۈزگۈچىنىڭ بەدەن شەكلى بويىچە توردىن ئوپمۇئوخشاش مودېل ياساپ، ئاندىن خىمىيىۋى تالا پۈركۈگۈچ پىلە قۇرتى يىپ چىقارغانغا ئوخشاش، خىمىيىۋى تالانى ئادەم بەدىنى مودېلىغا بىۋاسىتە ئورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئىنتايىن يارىشىملىق كىيىم تەييار بولىدۇ.
قىز - يىگىتلەر تۈرلۈك يېڭى پاسوندىكى كىيىملەرگە ئامراق بولسىمۇ، بىراق ئۇلار كىيىمنىڭ ئۆزىگە ياراشماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، كەلگۈسىدىكى كىيىم - كېچەك دۇكانلىرىدا ھەرقانداق كىيىم، ھەتتا ئەڭ قىممەت باھالىق يۇڭ پەلتولارنى ئىختىيارىڭىزچە «سىناپ كىيسىڭىز» بولىدۇ. فرانسىيىدىكى بىر كىيىم - كېچەك سودا سارىيىغا ئاجايىپ بىر كىيىم سىناش ئەينىكى قويۇلغان، كىشىلەر بۇ «سېھىرلىك ئەينەك» نىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كىيىم ئالماشتۇرمايلا سودا سارىيىدىكى بارلىق رەڭ، پاسون، رازمېردىكى كىيىملەرنى سىناپ كىيەلەيدۇ. بۇ «سېھىرلىك ئەينەك» نىڭ شەكلى ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەر خىل رەقەملەر بولىدۇ، بۇنى ئىشلەتكەندە، مۇلازىم ئاۋۋال يىراقتىن تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئەينەكتىكى سايىنى خېرىدارنىڭ ئېگىزلىكىگە توغرىلايدۇ، ئاندىن مودا كىيىم كىيگەن قىزنىڭ ئوبرازى «سېھىرلىك ئەينەك» تە پەيدا بولىدۇ. بۇ سايە بەدىنى يېڭى كىيىم كىيگەن مودېلنىڭ گەۋدىسى بولۇپ، چىرايى خېرىدارنىڭ چىرايى بولىدۇ. «سېھىرلىك ئەينەك» ئالدىدا تۇرۇپ كىيىمنى سىنىغاندا،30 قۇر كىيىمنى سىناپ كۆرۈشكە5 مىنۇت ۋاقىت كەتمەيدۇ. «سېھىرلىك ئەينەك» تىكى كىيىملەرنىڭ پاسونى ۋە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، خېرىدار ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمنى تاللىۋالالايدۇ.