ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئالەم بوشلۇقىدا بارلىق ماددىلار ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ، ھاۋاغا ئوخشاش ھەريان لەيلەپ يۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، يەر شارىدىكىگە ئوخشاش، خالىغىنىچە غىزالىنالمايدۇ ۋە يېمەكلىكنى ئىشتىھا بىلەن چاينىيالمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا، يېمەكلىكنى يۇتالماي كېكىرتىكىدە تۇرۇپ قېلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا، ئالىملار ئالەم كېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەندە، ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكىنىمۇ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.
ئالىملار نۇرغۇن قېتىملىق ئالەم بوشلۇقى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول، پاكىز، ئىستېمال قىلىنىشى ئاسان بولۇشى كېرەكلىكىنى بايقىدى.
ھازىر، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلاردىن يېڭى بولكا، مېۋە، شاكىلات ۋە ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىك قاچىسىغا سېلىنغان قورۇما، گۆش قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە پەمىدۇر قىيامى قاتارلىق تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارمۇ بار. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان بولۇپ، سۇيۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىلىرى غىزالانغاندا، ئاشخانا ئىچىگە «لەيلەپ» كىرىپ، يېمەكلىك قاچىسىغا بەلگىلىك سۇ قۇيۇپ قىزىتىپ، يېمەكلىكنى چىش پاستىسىنى سىققاندەك ئاغزىغا سىقىپ چىقىرىپ مەززە قىلىپ يېيەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، خاسىڭ مېغىزىغا ئوخشاش قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئېغىزغا بىۋاسىتە سالغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇرنىغا كەپلىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭ مۇۋاپىقراق ئۇسۇلى خاسىڭ مېغىزىنى بوشلۇقتا لەيلىتىپ، ئاغزى بىلەن تۇتۇۋېلىپ يېيىشتۇر.
ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكىنىڭ مىقدارى ئاز، ئىسسىقلىقى يۇقىرى، ئوزۇقلۇقى ئىنتايىن مول. شۇڭا ياپونىيە دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكىنى يەر شارىدىكىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن، تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. يېڭىدىن ياسالغان دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكى ئىككى خىل: بىرى، سۇيۇق ھالەتتىكىسى بولۇپ، «ئوزۇقلۇق تولۇقلاش سۇيۇقلۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ دوختۇرخانىدىكى بىمارلارغىلا بېرىلىدۇ، ئىستېمال قىلىشتا ئىنچىكە نەيچە ئارقىلىق بىرتال - بىرتالدىن ئاشقازانغا كىرگۈزۈلۈپ، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋېناغا ئوكۇل قىلغاندىكىدىنمۇ ياخشى بولىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، قاتتىق ھالەتتىكى «يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئوزۇقلۇق كاپسۇلا» بولۇپ، كۆرۈنۈشى ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكىگە ئوخشايدىغان بۇ خىل كاپسۇلىنى ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياساشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئالەم بوشلۇقى يېمەكلىكى ھازىر ئاساسەن بىمارلار، تاماق تاللايدىغان بالىلار، يېمەك - ئىچمىكى قانۇنىيەتسىز بولغان تېنى ئاجىزلار ۋە ئوزۇقلۇقى يېتىشمىگەن تەنھەرىكەتچىلەرگە بېرىلىدۇ، بۇ خىلى كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قۇلايلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى يېمەكلىكىگە ئايلىنىدۇ.