UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسى»قونچاق« كومپيۇتېر

»قونچاق« كومپيۇتېر

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كومپيۇتېر كەلگۈسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەڭ مودا بولىدىغان ۋە دائىم قوللىنىلىدىغان ئوقۇش قورالى بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىدىكى ياخشى ياردەمچى بولۇپلا قالماستىن، ئەقلىي قابىلىيەتنى قېزىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى قونچاق كومپيۇتېردۇر، ئۇنىڭغا «قونچاق» كومپيۇتېر دەپ نام بېرىلىشى ئۇنىڭ ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك كومپيۇتېر بولغانلىقىدىندۇر. ئۇنىڭ ھەجمى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ پارچە دەرسلىكىنىڭ چوڭلۇقىدا بولۇپ، ئۇلىغۇچنى ئائىلىلەردىكى تېلېۋىزورنىڭ ئانتېننا روزېتكىسىغا ئۇلىسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قونچاق كومپيۇتېر بالىلارغا ئويۇن شەكلى بىلەن خەت تونۇش، ھېسابلاش، رەسىم سىزىش، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش پوزىتسىيىسى ئىنتايىن ياخشى، زادى ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ، ۋارقىراپ - جارقىراپ كەتمەيدۇ، بەلكى گۈزەل كارتىنىلار، يېقىملىق سۆزلەر بىلەن تەدرىجىي يېتەكلەپ كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندە، كومپيۇتېر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەممۇ ئايرىلالمايدىغان ئوقۇش قورالىغا ئايلىنىدۇ. كەلگۈسىدە ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر مەشغۇلاتى تەلىم - تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاساس كومپيۇتېر تىلىنى ئىگىلەپ، ئۇ ئارقىلىق خەت يېزىپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپلا قالماستىن، بەلكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى مۇستەقىل تۈزۈپ چىقالايدۇ. ھەرقايسى پەنلەرنى دەرسخانىدا ئوقۇتۇشتا، كومپيۇتېر ئوقۇتۇشتىكى ئۈنۈملۈك كونسۇلتاتسىيە ۋاسىتىسىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتۇشىدا، ئاۋۋال«كلاسسىك ئەسەرلەر» پروگراممىسى سېنارىيە ياكى ھېكايىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىنىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا ئېكراندا كۆپ خىل تاللاپ جاۋاب بېرىش سوئاللىرى كۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزمۇننى توغرا چۈشەنگەن - چۈشەنمىگەنلىكىنى سىنايدۇ. تاللاپ بەرگەن جاۋابى توغرا بولسا ھېكايە داۋاملىشىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا غوڭۇلدىغان ئاۋاز چىقىپ قايتىدىن جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆپرەك ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بەزى خىمىيىۋى رېئاكسىيە تەجرىبىلىرى، چۈشىنىش قىيىنراق بولغان قائىدە، ئۇقۇم ۋە كۆزىتىش تەس بولغان تەبىئىي ھادىسىلەرنى كومپيۇتېردا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرسەتمىلىك شەكلىدە ئايان قىلغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشتا، كومپيۇتېر تېخىمۇ ياخشى ياردەمچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەر بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى تېز، توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبىنى تاماملاپ، توغرا يەكۈنگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر «تېلېۋىزىيىلىك ئۆگىنىش ماشىنىسى» ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ خىل ماشىنا ئوقۇتقۇچى تۈزگەن پروگراممىغا ئاساسەن خىزمەت قىلىدۇ. يۇمشاق دىسكىنى ماشىنىغا سالسىلا، بۈگۈنكى دەرستە ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن سوئال چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى سىنايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار توغرا جاۋاب بەرسە، ئۆگىنىش ماشىنىسى ئۆزلۈكىدىن ئىككىنچى سوئالنى سورايدۇ؛ خاتا جاۋاب بەرسە، سوئالنى قايتىدىن سورايدۇ ياكى ئۆگەنگەن مەزمۇننى ئوقۇغۇچى چۈشەنگۈچىلىك يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ تەلىم - تەربىيىدىكى رولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مەكتەپ ئائىلىلەردىكى كوپيۇتېرلار بىلەن ئوقۇتۇش مەركىزىدىكى كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت دەرسلىرىنى سۆزلەشكە، كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا ۋە ئوقۇتۇش مەسلىھەتچىلىكى بېرىشكە بولىدۇ. ئۇ چاغقا بارغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپمۇ تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
»قونچاق« كومپيۇتېر | UyghurWiki | UyghurWiki