UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىھاۋا ئېقىمى بىلەن ئېگىرىش

ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئېگىرىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى يۈز نەچچە يىلدىن بېرى پاختا يىگ (ئۇرچۇق) بىلەن ئېگىرىلىۋاتىدۇ. يىپ ئېگىرگەندە يىگ پىرقىراپ، پاختىنى يىپقا ئايلاندۇرىدۇ. يىپ پولات سىم ھالقا بىلەن بىللە، تۈرمۈزىگە قاراپ يۈگۈرەيدۇ، تۈرمۈزە يىگدىن ئاستىراق پىرقىرايدىغانلىقى ئۈچۈن، غالتەككە يۆگىلىپ كاللەك - كاللەك يىپ بولىدۇ. لېكىن، مۇنداق ئېگىرىشتە يىگنىڭ پىرقىراش تېزلىكى چەكلىك، ئەڭ كۆپ دېگەندە، مىنۇتىغا ئاران18 مىڭ قېتىمچە پىرقىرايدۇ، بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. مۇبادا سۈرئەت بۇنىڭدىن تېز بولسا، ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرىلاپ، ئىشچىلار چىدىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پولات سىم ھالقا ئوڭاي ئۇپراپ كۆيۈپ، ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ يىپنى ئۈزىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئېگىرىدىغان يېڭى بىر ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپتى. ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئېگىرش ھاۋا پۈركۈپ ئېگىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا يىگ ئىشلىتىلمەيدۇ. ئاساسەن ئايرىغۇچى تاياقچە ۋە ھاۋا ئېقىمى قاچىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئايرىغۇچى تاياقچە بىلەن كىرگەن پاختا تالالىرى ئىلىنىدۇ ۋە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئىلىنغان تالانى سىرتقا چۆرۈيدۇ. ھاۋا ئېقىمى قاچىسى ئۇششاق - ئۇششاق مېتال قاچا بولۇپ، ئايرىغۇچى تاياقچىدىن4 −5 ھەسسە تېز پىرقىرايدۇ. بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان مەركەزدىن قېچىش كۈچى قاچىدىكى ھاۋانى سىرتقا ھەيدەيدۇ. ھاۋا ھامان بېسىم يۇقىرى ئورۇندىن تۆۋەن ئورۇنغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، پاختا تالالىرى قاچىغا كىرىدۇ ۋە تالا ئېقىمى شەكىللەندۈرۈپ، قاچىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا، قاچا سىرتىدىكى بىر تال يىپ ئۇچى قاچىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى تالانى تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلىنىدۇ. يەنە قاچىنىڭ يىپ قۇيرۇقى بىلەن بىللە تېز پىرقىرىشىدىن شەكىللەنگەن تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمەسلىكنىڭ رول ئوينىشى تۈپەيلىدىن، گويا بىر تەرەپتىن، پاختا تالالىرى كىرىپ تۇرۇش، بىر تەرەپتىن، يىپ ئېگىرىلىپ تۇرۇش ھالىتى شەكىللىنىدۇ - دە، يىپ بىلەن قاچىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى تالالار ئۇلىنىپ، يىپنىڭ غالتەككە يۆگىلىشىدىن پەيدا بولغان تارتىپ سوزۇش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يىپ ئۈزلۈكسىز ئېگىرىلىپ چىقىپ، ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئېگىرىش جەريانى تاماملىنىدۇ. ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئېگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز، يىپ كاللىكى چوڭ، ماس كېلىش دائىرىسى كەڭ، قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، يىڭنە، تۈرمۈزە، پولات سىم ھالقا كەتمەيدۇ، مەھسۇلاتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى