UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىكومپيۇتېردا لايىھىلەش

كومپيۇتېردا لايىھىلەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى چوڭ تىپتىكى بىر ئايروپىلاننى لايىھلىگەندە، يالغۇز ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ لايىھە چېرتيوژىلا يۈز نەچچە مىڭ پارچىغا يېتىدۇ، لايىھىلەپ سىزىش خىزمەت مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئايروپىلاننىڭ نۇرغۇن دېتاللىرى ئادەتتىكى مېخانىزملارنىڭ دېتاللىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ يۇمىلاقمۇ ئەمەس، تۈزمۇ ئەمەس، تولىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ. ئايروپىلان دېتاللىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئاقما لىنىيە شەكلى بىلەن ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتە تەكشىلىككە ھەقىقىي ئايروپىلان بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا تاشقى شەكلى سىزىلىدۇ، بۇ »نۇسخا« دېيىلىدۇ ياكى ھەقىقىي ئايروپىلان بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا ئايروپىلان مودېلى ياسىلىدۇ، ئۇ «ئۈلگە» دېيىلىدۇ، «نۇسخا» ياكى «ئۈلگە» دىكى ھەرقايسى دېتاللارنىڭ ئورنىدىن مۇناسىپ شەكىللەر ئېلىنىپ، دېتاللارنى لايىھىلەش ۋە ياساشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. كومپيۇتېر ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، لايىھىلىگۈچى ئايروپىلاننىڭ تاشقى شەكلى (ئايروپىلاننىڭ «ماتېماتىكىلىق مودېلى») نى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئىپادىلەپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزسىلا بولىدىغان بولدى. كومپيۇتېر ھەرقايسى دېتاللارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكتىكى ئورنىغا ئاساسەن، پۈتۈنلۈكتىن خالىغان قىسمەنلىكنىڭ تاشقى شەكلىنى بۆلۈۋېلىپ سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىدۇ، ئاندىن »رەقەملەشكەن تاختا« ۋە سىزىش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ھەر خىل لايىھىلەرنىڭ چېرتيوژىنى سىزىپ چىقىدۇ. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېر بىلەن لايىھىلەش ۋە سىزىش ۋاقتىدا، شەكىلنى «نۇر قەلەم» ۋە «كۇنۇپكا تاختىسى» دىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتكىلى، چوڭايتقىلى، كىچىكلەتكىلى، ئەمەلدىن قالدۇرغىلى، پارچىلىغىلى، قۇراشتۇرغىلى... بولىدۇ، ئەگەر ھازىرقى ئەسلىھەلەرگە قوشۇلىدىغان بىرەر ئەسلىھەنى لايىھىلىمەكچى بولسا، قوشۇلىدىغان ئاشۇ بۆلەكنى ئېكراندا لايىھىلەپ ۋە سىزىپ، ئۇنى كومپيۇتېردىكى يېڭى لايىھىلەنگەن ئورنىدىن ئەسلىدىكى لايىھە چېرتيوژىغا يۆتكەپ بېكىتىپ قويسىلا بولىدۇ. ئىلگىرى چوڭ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش سخېمىسىنى لايىھىلەپ سىزغاندا، نەچچە يۈز ئورۇندۇق بىر - بىرلەپ سىزىلاتتى؛ كومپيۇتېر ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى رەتلەردىكى ئورۇندۇقلارنىڭ ئارىلىقىنى بەلگىلەپ، ئورۇندۇقلارنىڭ ئۆلچەملىك شەكلىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويسىلا، ئېكراندا شۇ ھامان يولۇچىلار بۆلۈمىنىڭ رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان سخېمىسى ئايان بولىدۇ. مەھسۇلاتلار كومپيۇتېر بىلەن لايىھىلەنسە، خىزمەت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. كومپيۇتېر قۇرۇلما سخېمىسىنى لايىھىلەش بىلەن بىللە، ئېھتىياجغا ئاساسەن، دېتاللارنىڭ ھەجمى ۋە ئېغىرلىقى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ھايت - ھۇيت دېگۈچە ھېسابلاپ چىقىرالايدۇ. لايىھىلەنگەن دېتالنى ھەم ماگنىتلىق دىسكىدا ساقلاپ كېرەك چاغدا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى، ھەم كېرەكلىك چېرتيوژنى بېسىپ چىقىرىپ پايدىلانغىلى، شۇنىڭدەك، پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بىرەر دېتالنى چىقىرىش كوماندىسى بېرىپ، كومپيۇتېر كونتروللۇقىدىكى «رەقەملىك كونترول ئىستانوكى» دا بىۋاسىتە مەشغۇلات قىلىپ، لازىملىق دېتالنى شۇئان پىششىقلاپ چىقارغىلى بولىدۇ. ھازىرقى زامان كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ياردىمىدە لايىھىلەش سانائەت لايىھىلەشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
كومپيۇتېردا لايىھىلەش | UyghurWiki | UyghurWiki