UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئېلېكترون توقۇمىچى

ئېلېكترون توقۇمىچى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا يىپ ئۈزۈلۈش، ماشىنا توختاش سانى، تېزلىكى، توختاش ۋاقتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشچىلار ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرىدۇ، شۇنچە ھېرىپ چارچىسىمۇ، ماشىنا توختاش ۋە يىپ ئۈزۈلۈش سانىنى ئازايتالمايدۇ. ئەگەر سېخقا ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما ئورنىتىپ قويسا، باشقۇرغۇچىلار ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپلا ماشىنا توختاش ۋە يىپ ئۈزۈلۈش سەۋەبىنى بىلەلەيدۇ، ئىشچىلارمۇ ئۇدۇل توختىغان ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپلا ئىشنى تۈگىتىدۇ، ئىشلار كۆپ ئاسانلىشىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى بەزى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما ئورنىتىلغان، ئۇ «تۈمەن يىگىلىك يىپنى مىكرو كومپيۇتېردا كۆزىتىش قۇرۇلمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىغا سېنزور ۋە يىپ ئۈزۈلۈشنى كۆزەتكۈچ ئورنىتىلىدۇ، ئۇلار خۇددى كۆزگە ئوخشاش، ماشىنا توختاش سانى، يىپ ئۈزۈلۈش سانى قاتارلىقلارنى «ئەستە ساقلاش قۇرۇلمىسى»غا بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپ مىكرو كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، كۆرسەتكۈچى قۇرۇلمىلار ئارقىلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىدۇ. پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا توقۇشتىن ئىلگىرىكى «پاختا تەڭشەش» ۋە ھېسابلاش خىزمەت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، سانلىق مەلۇماتلار مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇ خىزمەتلەرگە ئېلېكترونلۇق پاختا تەڭشەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلسا، مىكرو كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، مۇرەككەپ پاختا تەڭشەش جەريانىنى تەقلىد قىلىش، پاختا ئامبىرىنى باشقۇرۇش، پاختا سەپلەش ۋە يىپ ئېگىرىش سۈپىتىنى كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاپتوماتىك تاماملىغىلى بولىدۇ. توقۇش فابرىكىسىدا كۆڭلەك، بۆك ۋە لۆڭگە قاتارلىقلارنى توقۇش جەريانىنىمۇ ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما بىلەن ئاپتوماتىك كونترول قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا پاسونى ۋە رەڭگى ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى بىرلا ۋاقىتتا توقۇغىلى بولىدۇ. بۆك توقۇش فابرىكىسىدا مىكرو كومپيۇتېر ئارقىلىق قاپارتما گۈللۈك بۆك توقۇلسا، مەھسۇلات مىقدارىنى20 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى